logo

trugen jacn

خىتاي يەنە 8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ھۈكۈم قىلدى

ff0cf68b8de05ce

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خەۋىرى؛ شىنخۇۋا خەۋەر ئاگىنىتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،بۇگۈن (8.دىكابىر) ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورتا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن “30.ئاپىرىل پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ۋەقەسى”، “22.ماي بازار پارتلىتىش ۋەقەسى” بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتۇپ كىتىلگەن ئۇيغۇرلاردىن 8 نەپىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ،3 نەپىرىنى دەرھال ئىجىرا قىلىش بىلەن بىرلىكتە،5 نەپىرىنى كىچىكتۈرۈپ ئىتىشقا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.يەنە 4 نەپەر ئۇيغۇر مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

73a69e32a2cb73d
پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىگە چىتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلار ئەخمەت رىشىت،تۇرسۇن ھامۇت… قاتارلىقلار بولۇپ،يەنە 3 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسى2 يىل كىچىكتۈرۈلگەنلىگى بىلدۈرۈلدى
بازار ۋەقەسىگە چىتىپ ئابلىز داۋۇت، نۇرەخمەت ئابلىپىز… قاتارلىق 6 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە ھۈكۈم قىلىندى ۋە  2 نەپەر ئۇيغۇر 2 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىتىشقا ھۆكۈم قىلىندى

20141208045508845
خىتاي ئاخباراتى “30.ئاپىرىل پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىدە 3 ئادەم ئۆلدى،79 ئادەم يارىلاندى” دەپ ئىلان قىلغان بولسا، “22.ماي بازار ۋەقەسىدە 39 ئادەم ئۆلدى،94 ئادەم يارىلاندى”دەپ ئىلان قىلغان ئىدى
شەرقى تۈركىستاندا مىللىي ۋە دىنىي زۇلۇم شىددەت بىلەن داۋاملاشقانسىرى،قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ تىخىمۇ كىڭىيىشى مۇقەررەردۇر

Share
1892 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.