logo

trugen jacn

خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلارنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى جىددىي ھالدا داۋام قىلماقتا

image

شۆھرەت ھوشۇر 

دائىرىلەرنىڭ خىتاي يەر خوجايىنلىرىنى ئۆلتۈرگەن گۇماندارلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنى جىددىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

9 – ئىيۇل ئاقسۇ ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى 4 ئائىلىلىك خىتاي يەر خوجايىنلىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ناھىيە بويىچە 7 نەپەر ھۇجۇم گۇماندارىنى تۇتۇش سەپەرۋەرلىكى قوزغالغان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن گۇماندارلاردىن 5 نەپىرى تەۋە بولغان ئاچىتاغ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ يېزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات سورىدى.

كەنت باشلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق گۇماندارلارنىڭ سانى ناھىيە بويىچە 9 نەپەرگە يەتكەن، ھازىرغىچە بۇلاردىن 5 نەپىرى تۇتۇلغان، بىر نەپىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 3 نەپىرى داۋاملىق ھالدا ئىزدەلمەكتە.

يەنە ئاشكارىلىنىشىچە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ئىشلەمچى خىتاي كۆچمەنلىرى ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىن بۇيان كەنت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ، قېچىپ يۈرگەن گۇماندارلارنىڭ يەنە ھۇجۇم قىلىشىدىن مۇداپىئە قىلىنماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uchturpan-yer-igiliri-07162014182616.html

Share
1781 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.