logo

trugen jacn

خىتاي يوقاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى ‏14-نويابىر كۈنى ئۆز تورىدا بىر ئۇچۇر ئېلان قىلىپ 13-نويابىر كۈنى يەنى ئۇيغۇر رايونىدا ئېلىپ بارغان ئىز-قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ 56-كۈنىدە «تېررورچىلارنى تولۇق يوقاتقانلىقى» نى بايان قىلغان. ئەمما ئۇچۇردا ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ كىملىكى ۋە چېتىشلىق ۋەقەسى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ ئۇچۇر ئۇزۇن ئۆتمەي توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. مەزكۇر ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ 56 كۈن داۋام قىلغانلىقى ھەققىدىكى بۇ مەلۇمات، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ باي-كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىدى. مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مەلۇمات ئىگىلىدى. ئىگىلەنگەن بەزى مەلۇماتلار خىتاي ج خ مىنىستىرلىكى «يوقىتىلدى» دېگەن تېررورچىلارنىڭ باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىشارەتلىمەكتە.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى، باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. پەقەت قېيىر ساقچىخانا خادىمى جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن دەسلەپتە خىزمەتداش دوستلىرى ئارقىلىق خەۋەر تاپقانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ئارقىدىن ساقچىخانىدا يىغىن ئېچىپ ئۇقتۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمى باي ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدەش مەشغۇلاتى ھەققىدە مەلۇمات سورىغان، ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، مەزكۇر مەشغۇلاتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە گۇماندارلارنىڭ پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلغان. يەنە بىر خادىممۇ ھۇجۇمچىلارنى ئىزدەش مەشغۇلاتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ھازىرچە بالدۇر دەپ رەت قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ساقچى خادىمنىڭ قوليازما خاتىرىسىدە بايان قىلىنىشىچە، باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى 13-نويابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 3 مەزگىللىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما ھۇجۇمچىلارنىڭ قانداق ئورۇندا ۋە قانداق قورال بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھازىرچە رەسمىي ۋە ئېنىق ئۇچۇر مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/komurkan-hujum-11172015145605.html

Share
1389 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.