logo

trugen jacn

خىتاي نېفىت شىركىتى تارىم ئويمانلىقىدا تەبىئىي گاز قېزىش مىقدارىنى كۆپەيتىدۇ

TAPI

خىتاي نېفىت شىركىتى كەلگۈسى 5 يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىنى قېزىشنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەزكۇر شىركەتنىڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ پىلانى ھازىرقى 23.55 مىليارد كۇپمېتىر يىللىق قېزىش مىقدارىنى 2021‏-يىلغا قەدەر 30 مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزۈشكەن.

خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ 2004‏-يىلى تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىپ چىقارغان يىللىق گاز مىقدارى 351 مىليون كۇپمېتىر بولۇپ، ئۇ يېقىنقى 12 يىلدا داۋاملىق كۆپىيىپ، ھازىرقى 23 يېرىم مىليارد كۇپمېتىرغا يەتكۈزگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يېقىنقى 5 يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىن قېزىپ چىقىرىلغان گاز خىتاي ئومۇمىي تەبىئىي گاز مەھسۇلاتىنىڭ 6 دەن 1 قىسمىنى ئىگىلىگەن. خىتاي نېفىت شىركىتى ئىلگىرى تارىم-شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىق ئېنېرگىيە قاناللىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي گاز بايلىقىنى خىتاينىڭ شاڭخەي قاتارلىق چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى سانائەت رايونلىرىغا توشىغان.

ئەمما بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە مۇھىت قوغدىغۇچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، « ئۇ، مۇھىتنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن ئىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت ستاتىستىكىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر تارىم نېفىتلىكىدە رەسمىي ئىسپاتلانغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 1.85 تېرلىئون كۇپمېتىر ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/nefit-shirkiti-02102016164328.html

Share
1393 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.