logo

trugen jacn

خىتاي نىمە ئويدا؟ ئۇرۇشقاق ئۇيغۇرلارچۇ؟

 

كاسسىنى

 

ئىلاۋە: تۈنۈگۈننىڭ تارىخىنى ياخشى بىلەلمىدۇق چۈنكى قەلەم ئىگىلىرى ، بۈگۈنگە ئوخشاشلا خىتاي تۈرمىسىدە ئىدى. بۈگۈننىڭ تارىخىنى ئانچە مۇنچە تاخلاپ قويگۇم كەلدى. بەلكى، ئەتىنىڭ تارىخىنى ياخشى يېزىشىمىزغا پايدىسى بولۇپ قالار. ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي تۇيۇقسىز غۇلاپ كەتسە، مۇستەققىللىق ئىشىگىمىزنى چەكىپ قالسا، ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك؟ دىگەن سوال كاللامنى     چىرمىۋالدى. بۇ مۇلاھىزە ئاشۇ سواللارنىڭ                      پارتىلىشى

خىتاينىڭ دۇنياغا كەڭ-كۇشادە يېيىلىۋاتقان كېڭەيمىچىلىگى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئامېركىنىڭ ئېختىسادى جازاسىغا  بەرداشلىق بېرەلمەي ھاسىراۋاتقان خىتاي، دۇنيا مىقياسىدا كۆتۈرلىۋاتقان خىتاي غۇلاپ كېتىدىغان بولدى دىگەن مۇلاھىزىلەر شۇنداقلا، چەتئەللەردىكى ئۇرۇشقاق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاماقەتلىگى، خۇددى قىزىل دېڭىز ئىككىگە ئايرىلغاندەك ئايرىلىپ، بىر بىرى بىلەن ئۇرۇش جىدەل قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار………..خىتاي ۋەزىيتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيتىنى تەھلىل قىلىشقا باشلاپ كىردى.

خىتتاي نىمە ئويدا؟ ئۇيغۇرلار نىمە كويدا؟

خىتاي، بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى ئارقىلىق، تەرەققى قىلىۋاتقان ۋە ياكى تەرەققى قىلىشنى ئويلۇشىۋاتقان دۆۋلەتلەرگە ناھايىتى يۇقۇرى ھەجىمدە قەرز پۇل بېرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. مەيلى ئۇ دۆۋلەتلەر خىتايدىن ئالغان بۇ قەرز پۇلنى قايتۇرالىسۇن ۋە ياكى قايتۇرالمىسۇن، خىتاينىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق، دۇنيادىكى كەمبەغەل دۆۋلەتلەرگە خۇددى ‘دادادەك مەبلەغ تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ..

 

خىتاينىڭ بۇنداق قولى ئوچۇق بايۋەتچىلىگىدىن ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ياردەم سۆيەرلىگىدىن، قازىقىستان، پاكىستان، سىرىلانكا، مالايشىيا، ياۋرۇپادىكى كىچىك ئارال دۆۋلىتى مانتەنەگرو، ئافرىقىدىكى جىبۇتى قاتارلىق دوۋلەتلەرنىڭ گۈلقەقەلىرى ئەچىلىپ كەتىۋاتىدۇ.

 

ئەمما خىتاينىڭ بۇنداق بايۋەتچىلىگىنىڭ ئارقىسىغا ئىنتايىن رەزىل بىر مەخسەت يوشۇرۇنغان . ئۇ بولسىمۇ كەڭەيمىچىلىك. بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى بېسىپ ئۆتىدىغان، مۇھىم سودا پورتلىرىنىڭ تىزگىنى خىتاينىڭ قولىدا بولغان، بىر مەركىزى سودا لىنىيەسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەتراپىدىكى ئەختىسادى ئەھۋالى ئاجىز دۆۋلەتلەرنى، بېيجىننىڭ ئاغزىگا قارايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنى ‘ئاكاڭ قارغاي’ قىلىش .                                                                    .

 

خىتاي، بىر يول، بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى ئۈچۈن، 4.8 تىرىليۇن دوللار مەبلەغ سالدى. خىتاي بۇ ئىستىراتىگىيىدە دۇنيانىڭ خوجىسى بولۇش شېرىن چۈشىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قەشقەر شەھرى بىلەن ھىندى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان  يۇقۇرى سۇرئەتلىك تاشيول ياساشنى باشلىدى. بۇ تاشيول، ھىندى ئوكيان گىرۋەكلىرىدىكى گادار پورتىغا تۇتىشىدۇ. ئەسلىدە پاكىستاندىكى كىچىككىنە بىر بېلىقچىلىق شەھرى ھەساپلىنىدىغان گادار شەھرى، ھازىر خىتاينىڭ يۇقۇرى دەرىجىدە مەبلەغ سەلىشى بىلەن ناياھىتى چوڭ بىر پورت شەھەرگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 

خىتاي، قازىقىستاندىمۇ غۇلجا قورغاستىن باشلىنىپ قازىقىستان ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تۇتىشىدىغان، بىر تۆمۈر يول ياسىدى. يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولغان قازاقىستان پىرىزىنتى نۇر سۇلتان نەزەربايۇف خىتايدىن زور ھەجىملىك قەرز پۇل ئالدى.2010-يىلى سىرىلانكا 1.8 مىليارت دوللار خىتاي قەرزىنى ئىشلىتىپ، ھامبانتوتا شەھرىدە بىر پورت ياسىدى. چۈنكى خىتاينىڭ دېڭىز ئارقىلىق ئېلپ بارىدىغان بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسىدە، سەرىلانكا ئاچقۇچ دوۋلەت ئىدى.

 

ئەمما 2017- يىلىغا كەلگەندە، سىرىلانكا خىتاينىڭ قەرزىنى قايتۇرالمىدى.بۇنىڭ بەدىلىگە، خىتاي سىرىلانكا پورتىنىڭ 100 يىللىق باشقۇرۇش  ھوقۇقىنى قلغا ئالدى.

 

بۇندىن باشقا، بىر يول ،بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى بېسىپ ئۆتىدىغان مۈھىم ئىستىراتىگىيىلىك نۇقتىلاردا ياسىلىدىغان تاشيول، تۆمۈريول، پورت ۋە كوۋرۈكلەرنى ، خىتاي ئىشچىلىرى ياساۋاتىدۇ. خىتايدا ئىنتايىن ئاز ئىش پۇرسەتلىرىگە ساھىپ بولغان، خىتاي قۇرۇلۇش شىركەتلىرى، بىر يول، بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسىدىن جاسارەت ئېلىپ، 1500 خىتاي ئىشچى 11 ساەتتە بىر پويىز ئىستانسىسىنى پۈتتۈرۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ 7 سى خىتايغا ئاىت.

خىتاي مانا مۇشۇنداق ھەم پۇل بېرىش ھەم ئۆز ئىشچىلىرىنى ئەكىلىپ ئىشلىتىپ، تېز سۈرئەتتە پۈتتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەمبەغەل دۆۋلەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋاتىدۇ. ھەمدە ناھايىتى ئاستا ۋە سىلىق سىپايە يۇمشاق كۈچ ئارقىلىق، بۇ دۆۋلەتلەر كەلەچەك تەغدىرىنىڭ خىتايغا باغلىق بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۋاتىدۇ..

 

بۇندىن باشقا خىتاي يەنە، قەرز بەدىلىگە، پاكىستاندىكى مۇھىم بىر ئىستىراتىگىيىلىك سودا پورتىنىڭ 40 يىللىق باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا ئالدى. خىتاي بېرمىدىمۇ مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ھەتتا ئافرىقىدىكى  جىپۇتادا ئاللىقاچان بىر دېڭىز بازىسى ئاچتى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئامېركىنىڭ نارازىلىغىنى قوزغىدى.                                                               .

مونتەنەگرو  شەرقى ياۋرۇپادىكى 630 مىڭ نوپۇسقا ئىگە  كىچىك بىر ئارال دۆۋلىتى بولۇپ، بۇ دۆۋلەت ياۋروپادىكى بىردىن بىر يۇقۇرى سۇرەتلىك تاشيول بولمىغان دۇۋلەت ھەساپلىنىدۇ.

ئەمما خىتاي مونتەنەگروغا كېلىپ، بۇلارغا بىر يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيول ياساپ بەرىدىغانلىغىنى بىلدۈردى .بۇنىڭدىن خوش بوپ كەتكەن مونتەنەگرو ھۆكۈمىتى، بۇ قۇرۇلۇشنى ئەسىر قۇرۇلۇشى ،  دۇنيادىكى زامانىۋى ئۆتۈشمە يول دەپ يۇقۇرى باھا بەردى.

بۇ يول خەتەرلىك ئىگىز تاغلارنى تېشىپ، نۇرغۇنلىغان ۋادىلاردىن ئۆتىدىغان، ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەرنى ئۆز  ئىچىگە ئالغان 160 مىڭ كم دىن ئۇزۇنراق قۇرۇلۇش ئىدى. ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن  630 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ كىچىك بىر دۆۋلەتتە 950 مىليۇن دوللار خەجلەپ يۇقۇرى سۇرەتلىك تاشيول ياساش زۆرۈر بولۇپ قالدى؟ بۇنىڭدا خىتاينىڭ مەلۇم مەخسەتلىرى بار ئەلبەتتە . قۇرۇلۇش باشلاندى 70% خىتاي ئىشچىسى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن مونتەرەگنوغا يېتىپ كەلدى. يۇقۇرى سۈرەتلىك تاشيول نىڭ بىر قىسمى پۈتتى ئەمما، بۇ دۆۋلەت نۇرغۇن ئېختىسادى كىرزىسقا پېتىپ قالدى. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن يەنە 1.2 مىليارت دوللار كېرەك ئىدى، ئەمما خەلقارالىق مالىيە فوندى موندەرەگوغا ئارتۇق قەرز پۇل بەرەلمەيدىغانلىغىنى بىلدۈردى.ئامالسىز قالغان موندەرەگو ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن،

ئېلىكتىر كۈچى ۋە ساياھەتچىلىك جەھەتلەردە ھەمكارلىشىدىغانلىغىنى بىلدۈردى ۋە خىتايدىن قەرز پۇل ئالدى. خىتاي قەرز پۇل بېرىش ، خىتاي ئىشچىلىرىنى ئەكىرىش يوللىرى بىلەن بۇ دۆۋلەتكە سىڭىپ كىرىپ ئەڭ ئاخىردا قەرزنى قايتۇرالمىغاندا،ئەسكەر كىرگۈزۈپ بېسىۋېلىشىمىۇ مۈمكىن.

ئۇندىن باشقا ئافرىقىدىكى جىبۇتى قاتارلىقلاردا خىتاينىڭ ساغلام بولمىغان قەرز مەبلىغى بار.

 

ماقالىنىڭ يۇقۇرقى قىسمىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىنىمىزدەك، خىتايدىن مىليار ھەتتا تىرىليۇن دوللار قەرز پۇل ئالغان، بۇ دۆۋلەتلەر قەرزنى قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا. ئۇنداقتا خىتاي بۇ كەمبەغەل دوۋلەتلەرنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ، نىمىشكە قەرز پۇل بېرىدۇ؟ بۇ سوالنىڭ جاۋابى سىرىلانكا.

 

گەرچە خىتاي، ئوزى تارقاتقان قەرز پۇللارنى قايتۇرۇپ ئالالمىسىمۇ ئەمما، بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇھىم ئىستىراتىگىيىلىك بازىلارنىڭ، ئۆتۈشمە نۇقتىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۇرۈپ، خىتاي ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولغان ئىستىراتىگىيىلىك تۈگۈنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۋاتىدۇ. شۇنداقلا كەڭەيمىچىلىك يولى بىلەن، پۈتۈن دۇنيانى تەسىر داىرسىگە ئېلىش ئۈچۈن يول ۋە پۇرسەتلەر ئىزلەۋاتىدۇ.

خىتاي يەنە مالايشىيادا، 64 مىليارت دوللار پۇل خەجلەپ ناھايىتى زامانىۋى بىر پورت بەرپا قىلدى. كۈزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي مالايشىيانى سېتىۋالماقچى دەپ مۇلاھىزە قىلدى. خىتاي بۇ دۆۋلەتلەرنىڭ مۇھىم نەرسىلىرىنى سېتىۋەلىش بىلەنلا قالماي بەلكى، يەنە پارا بېرىش يولى بىلەن، بۇ دوۋلەتلەردىكى سىياسەتچىلەرنىمۇ سەتىۋالماقتا.

 

بۇ ئارقىلىق خىتاي دۇنيانى قاپلىغان، خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ،ئاساسى مۇەەسسەسەلەر بەرپا قىلماقچى. ۋە بۇ مۇەسسەسەلەرنى ئىشلىتىپ خىتاي شىركەتلىرىنى بېيىتماقچى.

 

خىتاي بىر يول بىر بەلباغ قۇرۇلۇشىدا، ئىنتايىن نۇرغۇن مەبلەغ سالغان،  ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندىن ئۆتىدىغان ئىككى يول بار. بۇنىڭ بىرى قەشقەردىن ئۇدۇل ھىندى ئوكىيان بويىدىكى گۋادا پورتىغا تۇتىشىدىغان خىتاي-پاكىستان ئەختىسادى كارىدورى يەنە بىرى قورغاس قازىقىستان ئارقىلىق ياۋرۇپاغا تۇتىشىدىغان تۆمۈريول. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر خىتاي پارچىلىنىپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، خىتاي نۇرغۇن مەبلەغ سالغان، ھەتتا تاقىلىپ قالغان قەدىمى ئىپەك يولىنى ئۆز قولى بىلەن ئاچقان بۇ زىمىندا، ئۇيغۇر دىگەن بىر مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرماسلىغى، مۇستەققىللىقنىڭ تىنىغىمۇ قالماسلىغى كېرەك.

ئوزىدىن ئىنتايىن يىراقتا بولغان مۇستەققىل دۆۋلەتلەرگە قول سوزۇپ، بۇ دۆۋلەتلەرنى سېتىۋەلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي، ئۆز ئىگىدارچىلىغىدىكى بىر زىمىندا مەخسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالارمۇ؟ 2 مىليۇن ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرنىڭ، گىتلەر گىرمانىيەسىنىڭ جازا لاگىرلىرىغا ئوخشايدىغان قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە سولۇنۇشى، چەتئەل بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان قاباھەتلەرنىڭ ئارقا –ئارقىدىن يۈز بېرىشى شۇ سەۋەپتىندۇر..

 

خىتاينىڭ باشقا دۆۋلەتلەرگە سىڭىپ كىرىشى، بىر يول بىر بەلباغ ئىستىراتىگىيىسى بىلەن توختاپ قالمايدۇ. 2015-يىلى خىتاي

ناملىق بىر ئىستىراتىگىيىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇ Made in China

ئىستىراتىگىيە خىتاي ئامېركىدىن ئوغۇرلىغان تەخنىكىلارغا، خىتاينىڭ تامغىسىنى ئۇرۇپ سىڭىپ كىرىشتىن ئىبارەت.

 

يېقىندا ئامېركىنىڭ خىتايغا قارىتا سودا جېڭى ئېلان قىلىشى بىلەن، خىتايدىكى         پايچەكلەر چۈشۈپ، دوللار دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆرلەپ                    كەتتى.

ئۇنداقتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتايدىكى بۇنداق ئۆزگۈرۈشلەرگە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتىۋاتىدۇ؟

بۇ مەسىلىگە سالىھ خۇدايار نامايىشىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە  قاراپ باقساق جاۋاپ تاپالايمىز.

 

سالىھ خۇدايار نامايىشىنىڭ خاتىرە دەپتىرى.

 

بىر ئورمانلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن 100 يىل ۋاقت كېتىدۇ ئەمما، ئۇنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىش ئۈچۈن بىر تال سەرەڭگە تېلىنىڭ يېقىلىشى كۇپايە. ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقان بۇزرۇكۋارلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت تارىخىدا ئىنتايىن تەستە بەرپا قىلغان بۇ ئورمانلىقىغا بىر قانچە قېتىم ئۆز قولى بىلەن ئوت قويۇۋەتتى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ بۇزرۇكۋار ‘ئۇرۇشماڭلار بالىلىرىم’ دەپ، بۇ ئوت كەتكەن ئورمانلىقتىكى ئوتنى ئۆچۈرگۈچى قەھرىمان بولۇپ ئوتتۇرغا چىقاتتى. ئامېركا كوڭگىرىسى ۋە ئاقساراي ئالدىدىكى ئىككى ئايلىق نامايىشنىڭ ‘باش قەخرىمانى’ سالىھ خۇدايارنىڭ نامايىشنى باشلىشى بىلەن، بۇ ئورمانلىققا يەنە بىر قېتىم ئوت قويۇۋەتىلدى. بۇ ئوت خۇددى كانادانىڭ ئالبېرتا ئۆلكىسىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان فورد ماك مۇرراي شەھرىدىكى ئورمانلىققا كەتكەن ئوتتەك، ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆچۈرۈلگىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلدى. بۇ قېتىمقى ئوت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جاماەت پىكرى يۆنۈلۈشىنى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.پەرەز قىلىشىمچە بۇ قېتىم ئورمانلىققا ئوت قويۇۋەكەن بۇ بۇزركۋار، بىر سىلكىنىپلا، ئوت ئوچۈرگۈچى قەھرىمان سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقالمايدىغاندەك، ئۆزىمۇ بۇ ئوتتا كۆيۈپ تۈگەيدىغاندەك تۇرىدۇ.

 

بۇ ئوتنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن بىر شامال كەرەك ئىدى. ئۆمۈر بويى ھاياتىنى گۇمانخورلۇق، دونكىخوتتەك خىيالى جاسۇس تۇتۇش ۋە خىيالى قەخرىمان بولۇش ھەلەكچىلىگىدە ئۆتكۈزگەن بىر كىشى تىمساق يېشىنى ئېقىتىپ، ئاممىۋى تاراتقۇلاردا  پەيدا بولدى ۋە “نامايىشلار مەلۇم كىشىلەر ۋە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن مونۇپول قىلىنىۋاتىدۇ.” دەپ ۋاقىراشقا باشلىدى. يەنىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا تەشكىلاتلارنى خىتاي كونترول قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا خەلقنىڭ نامايىش قىلىش ئارزۇسىنى بوغۇپ قويۇۋاتىدۇ دىيىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى جاماەت پىكرى يۆنۈلۈشىنى مەركىزى تەشكىلات ، خىتاي بىلەنب.د.ت دا بىرمۇ بىر يۈز تۇرانە مۇنازىرىلىشەلەيدىغان تەشكىلات ھەساپلانغان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلىش تەرەپكە بۇراپ قويماقچى بولدى.

تېھساسلىقلاردا بىر گەپ بار.ئىتلار ئىچىدە ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازدا قاۋايدىغىنى كۈچۈك دەپ ئاتىلىدۇ دەيدىغان. ئەمما نىمە ئۈچۈن ئاممىۋى تاراتقۇلاردا مۇشۇنداق يۇقۇرى ئاۋازدا قاۋايدىغان كۈچۈكلەر، 3-سىنىپ سەۋىيەسىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھاياجان ۋە باشقىلارنىڭ ھىسسى تۇيغۇلىرىنى ئوغۇرلايدىغان لىكسىيەلىرى شۇنچە ئالقىشلىنىدۇ؟

 

ئىنچىكىلەپ  كۈزىتىدىغان بولساق، سالىھ خۇدايار نامايىشى ئامېركا كوڭگىرىسى ۋە ئاقساراي ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلىشتىن بەكرەك، دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا كۆپ قىسىملىق ھەجۋى كومىدىيە ئويناپ بەردى دىسەك خاتالاشمايمىز ئەلبەتتە.

 

بۇ كۈلكىلىك كومىدىيەلەر تۆۋەندىكىچە.

 

كىچىك چاغلىرىمىزدا، خىتايدا جا گۈلەندەن ۋە جىڭ گۈلەندەن ناملىق بىر كىنۇ ئىشلەنگەن ئىدى. كىنونىڭ تەپسىلاتى تازا ئېسىمدە قالماپتۇ ئەمما، كىمنىڭ جىڭ گۈلەندەن ياكى جا گۈلەندەن ئىكەنلىگىنى تېپىش مەسىلىسى بۇ كىنونىڭ مەركىزى ئىدىيەسى ئىدى. سالىھ خۇدايار نامايىشى باشلىنىشى بىلەن، 2 سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت خۇددى جا گۈلەندەن بىلەن جىڭ گۈلەندەننىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالدى. بىرسى مەن جىڭ ھۆكۈمەت دىسە ،يەنە بىرى مەن جىڭ ھۆكۈمەت دەپ ياقا سىقىشقىلى تۇردى. خۇددى ئېشىگى ئۆلەۋاتسا بىرنىمىسى غىجەك تارتقاندەك.

بۇ ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ماجرا، جا گۈلەندەن ۋە جىڭ گۈلەندەنلىك ماجراسىدىن كۆپرەك ، سالىھ خۇدايارنىڭ ئارقىسىدا كىم بار؟ دىگەن ماجرانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. سالىھ خۇدايارنىڭ ئارقىسىدا ئەنۋەر يۈسۈپ باركەن دىگەن ئۇچۇرنى چالا پۇلا ئاڭلاپ قالغان، بىر دونكىخوت ھاپىلا شاپىلا، سالىھ خۇدايارنىڭ ئارقىسىدا مانا مەن بار دەپ كوڭگىرەس ئالدىدىن نەق مەيدان پروگىراممىسى تارقىتىشقا باشلىدى. ئاللا-ئاللا قانداق قىپ بەرەيلى ئارقىسىدا سەن بولساڭ؟ يەنە بىر قەتىم ئەڭ يۇقۇرى ئاۋازدا قاۋىغان ئىتنى كۈچۈك ئەپ ئاتايمىز.

 

بەلكىم ئامېركا كوڭگىرەسى ئالدىدا ئوينۇلىۋاتقان بۇ ھەجۋى كومىدىيە نىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن ئەمما، ئورۇن ئالماشسا قىممەت ئۆزگەرمەيدۇ.

 

پاخخا…بۇ قېتىم بىر شائىر پىرىزىنت ئاھ سالىھلار…..سالىھلار دەپ لىرىك شېئىر يادلاپ سەھنىگە كىرىپ كەلدى. ئۆمۈر بويى خىتاي پىرەۋىنى بىلەن يۈز تۇرانە كۈرەش قىلىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسىنىڭ سىمۋۇلى بولغان ئىلھام توختىنى ۋەتەن خائىنى دەپ جۆيلىگەن بۇ شائىر، ئامېركىدەك ئەركىن، قانۇن بىلەن دۆۋلەت باشقۇرىدىغان بىر دۆۋلەتتە، ئازراق بىر مەسىلىنى ھەل قىلالماي، ئامېركا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان سالىھ خۇدايارنى ‘سۈنئى قەھرىمان’ قلىش ئۈچۈن مەدھىيەلەر ياغدۇرۋاتاتتى. يەنە كىملەردۇر بىرلىرى، سالىھنىڭ قولىغا سېلىنغان كويزا، سالىھنىڭ قەھرىمانلىق مىدالى بولغۇسى دەپ ماقالىلار يازدى. شۇنى ئېنىق ۋە كەسكىن بىلىشىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ۋە شەجەرىسى ۋەتەندە يەزىلىدۇ.ئەركىن دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر كىشى قەھرىمانلىق مىدالىغا ساھىپ بولالمايدۇ. ئەگەر سالىھ خۇدايار قەھرىمان بولىدىغان بولسا، قەلىمى ۋە ئەلىمى بىلەن خىتاينىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، خىتاي بىلەن يۈز تۇرانە،  خۇددى مۇسا ئەلەيكىسالامدەك كۈرەش قىلىپ، تۈرمىلەرگە تاسلانغان، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان  ئوغۇل قىزلىرىمىزغا قەھرىمانلىقتىنمۇ يۇقۇرى مەنانى ئىپادىلەيدىغان بىر سۆزنى ئۇيغۇر لۇغىتىگە كىرگۈزىشىمىز كېرەك. كومىدىيەنىڭ تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى شۇكى، بۇ شاىرنىڭ شېئىىرى سالىھ خۇدايار تەرىپىدىن ئانچە كۆڭۈللۈك قارشىلانمىدى. سالىھ خۇدايار بىلەن بۇ شائىرنىڭ كوڭگىرەس ئالدىدا چۈشكەن رەسىمىدىكى سالىھنىڭ چىراي ئىپادىسى شۇنداقلا فەيىس بوكقا نامايىش باشلامچىلىرى تەرىپىدىن ئەينى چاغدا  چىقىرىلغان ۋىدىئودىكى، بۇ جاناپ ھەققىدىكى ھاقارەتلىك سۆزلەر، بۇلارنىڭ پۇرچىغىنىڭ پىشمايدىغانلىغى، جا گۈلەندەن، جىڭ گۈلەندەن تالىشىش كۈرىشىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۈرەشتىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ بەرەتتى.بۇ ئەھۋال خۇددى پادىشانىڭ كونا كىيمى دىگەن ھىكايىگە نەقەدەر ئوخشىغان-ھە؟

 

 

ئامېركا كوڭگىرىسى  ۋە ئاق ساراي ئالدىدىكى ئىككى ئايلىق  نامايىشنىڭ ئەڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى شۇ بولدىكى، 2011 يىلى يوۇتۇبە دە مەخسۇس ۋىدىو تارقىتىپ بۇزرۇكۋارنى ئەڭ ئېغىر گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىگەنلەر، بۇزرۇكۋارغا چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان ئۆكتىچىلىك قىلىپ كىتاپ يازغان  تۇغما ئۆكتىچىلەر، لىدىر بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس دەۋاتقانلار ۋاھاكازا …..ئىنتايىن نۇرغۇن كىشى بۇزرۇكۋار ۋە سالىھ خۇدايارنى قوللاش ئۈچۈن ئامېركىغا قاراپ ئاقتى. بۇ بىر قارىغاندا نامايىش ئەمەس بەلكى رەقىپلەر ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ ‘جوڭنەنخەيئۇچۇرشىشىغا ئوخشاپ كېتەتتى..

ئىنتايىن خوش بولدۇم. ھە….خىتايدىكى زۇلۇم بۇلارنى

بىرلەشتۈرۈپتۇدە؟ بىر-بىرسىنى ئەپۇ قىلىپتۇدە؟ دەپ ئويلۇدۇم. ئەمما بۇلار نىڭ پوزىتسىيەسى ۋە نامايىش مەيدانىدا بەرگەن باياناتلاردىن مەلۇم بولدىكى بۇلار خىتايغا قارشى ئەمەس، بەلكى مەركىزى تەشكىلات بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارشى بىرلىشىپتۇ.

ئەگەر چەتئەلدىكى ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ يۆنۈلۈشى ھىچقانداق شەك –شۈبھىسىز ھالەتتە، سەمىمىلىك بىلەن خىتايغا قارىتىلمىسا بۇ ئىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ھەلىغۇ ئىككى ئايكەن، ئىككى يىل ۋاقىرساڭمۇ..

ئۇندىن باشقا، بىر قانۇن لاھىيسىنى بىرلىرىنىڭ باسۇرۇپ قويغانلىغى، ئامېركا كوڭگىرىسمەنلىرىدىن بىرسىنىڭ بۇزرۇكۋارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلاردىن بىرلىرىنىڭ سالىھ خۇدايارنى رادىكال دەپ ئامېركىغا چاققانلىغى، راس سالىھ رادىكالمۇ؟ دەپ سورىغانلىغى قاتارلىق پىتنىلەر ھەر يەردە ئۇچۇپ يۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاددى ئىنسانلارنىڭ ئىدىيەسىنى  قايمۇقتۇرىدىغان، مەركىزى ئىدىيەنى قانداق قىلساق خىتايغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرالايمىز ؟ دىگەن نۇقتىغا ئەمەس، ئۇيغۇر جاماىتى ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سېلىش قا قارىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بۇ خىل قۇتراتقلۇق ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامااەت پىكرى يۆنۈلىشىنى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە زىدىلىدى. شۇنچە كۈچلۈك ئامېركا ئىستىخبارات تەشكىلاتى، سىئايئەي  قاتارلىقلار سالىھنىڭ رادىكال بولۇپ بولمىغانلىغىنى بۇزرۇكۋاردىن سورايدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قاپتىمۇ؟ يېزىۋاتقانلىرىم يۈزلىگەن پىتنىلەر ئىچىدىكى يۈزدەن بىرى.

ھىروو ئونودا ياپونيەلىك ئاددى جەڭچى ئىدى. ئەمما ئۇ،قەخرىماننىڭ قانداق بولىدىغانلىغى، قەخرىمانلىق مەرتىۋىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىدىكىدەك ئاددى بىر مەرتىۋە ئەمەسلىگىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى دۇنياغا قالدۇرپ كەتتى. 20 يېشىدا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ،   29 يىل فىلىپپىن تاغلىرىدا ۋەتىنىنىڭ شان شەرىپى ئۈچۈن تەسلىم بولماي ياشىغان بۇ ئاددى جەڭچى، 50 يېشىدا ياپونيەگە قايتىپ بارغاندا، ياپون خەلقى ئۇنىڭغا ياپون مىللى روھىنىڭ سىمبولى دىگەن ئۇنۋاننى بەرگەن ئىدى. ھىروو ئونودا ئۆزى شەرىپى  ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ياپونىيەنىڭ ،ئاللىقاچان ياپون ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇپ قويغانلىغىنى، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئۆز ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيۋاتقانلىغىنى ھىس قىلدى. ئەمما ئۇ ۋاي مەن قەھرىمان تۇرسام مەن شەرىپى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ياپونىيە مۇشۇنداق بولامدۇ؟ دەپ داۋراڭ سېلىپ ياپونىيە جەمىيتىدە قالايمىقانچىلىق چىقىرىشنى، ياپونىيە جاماەت پىكرى يۆنۈلۈشىنى قانچىلىغان گۇرپىلارغا بۆلۈۋىتىشنى خالىمىدى. نەتىجىدە ھىروو ئونودا، جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە بىرازىلىيەگە كېتىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. مانا بۇ قەھرىمانلىق. بىزدە تېخى ھىچكىم ھىروو ئونودادەك ۋەتىنى ئۈچۇن بەدەل تۆلەپ باقمىدى. ئەمما تولىگەن بەدىلىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئورمانلىققا پات- پات ئوت قويۇۋېتىش مەۋجۈت.

 

ھىروو ئونودا، ياپونيەگە قايتىپ كەلگەندە، نۇرغۇنلىغان بايلار، شىركەتلەر ۋە ۋەخپىلەر، ئۇنىڭغا مىليۇنلاپ مۇكاپات بەرىش ئۈچۈن ئوچرەتتە تۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ماھىيەتتە ياپون خەلقى، ھىروو ئونوداغا بۇ پۇللارنى “پايپاق ئېلىپ كىي” دەپ بەرگەن ئىدى. ئەمما ھىروو ئونودا پايپاق ئېلىپ كىيمەي، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنىڭ ئاىلە تاۋاباتلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلىۋەتتى.

 

ھىندىستان خەلقى ‘بۈيۈك روھ’ ئۇنۋانى بەرگەن ماھامما گەندى پايپاقسىز ئىدى. ئۇ يالاڭغىداق، تاپانلىرى يېرىلىپ كەتكەن ھالەتتە،  پۈتۈن ھىندىستاننى ئايلىنىپ چىققان. شۇڭا ئۇ بۈيۈك روھ ئۇنۋانىغا ئېرىشەلىدى. ئۇ يەنە ئەينى چاغدا ھىندىستاننى بېسىۋالغان ئەنگىليەنىڭ، ئىپەك رەختلىرىنى بويقۇت قىلىش ئۈچۈن، ئۆزى قولدا ئاق پاختا رەخت توقۇپ كىيگەن ئىدى. قەخرىمانلىق مانا مۇنداق بولىدۇ.

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر خەلقى يۈز يىللار مابەينىدە بەرپا قىلغان بىر ئورمان. بۇ ئورمانغا ھىچكىمنىڭ ئوت قويۇۋېتىشىگە، شۇنداقلا ئوتنى ئۆزى قويۇۋەتىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كەيىن  ئوت ئۆچۇرگۈچى قەھرىمان بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى بىلەن ئوينۇشىشىغا ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇسىدا پىكىر ئەختىلاۋى ، بۆلگۈنچىلىك سەلىشىغا يول قويماسلىغىمىز كەرەك.

 

ئەلبەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن ئىبارەت ئۇيغۇرلار بەك تەستە بەرپا قىلغان بۇ ئورمانلىقتا، تاقىر يەرلەر بۆلۇشى مۈمكىن. ئەمما، بۇنىڭغا يېڭى كۆچەتلەر تىكىپ، سۇلار قۇيۇپ ئاسرىشىمىز ۋە بۈك باراقسان بىر ئورمانلىققا ئايلاندۇرىشىمىز كەرەككى ھەرگىز ئوت قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

 

سالىھ خۇدا يار نامايىشنى، باشقىلارنىڭ ئاۋازىنى مەخسەتلىك ھالدا ئۈنگە ئېلىۋېلىپ، ئىجدىماى تاراتقۇلاردا شۇ كىشىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈش مەخسىدىدە ئېلان قىلىۋېتىش ، مېنى سۆزلەشكە رۇخسەت قىلمىدى دەپ جىدەل چىقىرىش، بىلەن باشلىغان ئىدى. ئوتتۇرلىقلاردا نامايىش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاددى بىر مەسىلىنىمۇ توغرا ھەل قىلالمىغانلىغى ئۈچۈن ساقچى تەرىپىدىن 2 قەتىم قولغا ئېلىندى. ئاندىن ۋاشىنگىتون دس دىكى بىر جامىدە قالايمىقان ۋاقىرغانلىغى ئۈچۈن جامىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

 

سالىھ خۇدايار بىلەن ئوخشاش نامايىشنى، گوللاندىيەنىڭ ئامستىردام شەھرىدىكى دام مەيدانى ۋە پارلامىنت بىناسى ئالدىدا، ئابدۇرەھىم غەنى ئىسىملىك بىر ئىنىمىز 3 ئايدىن بۇيان ئۈن تىنسىز ھالەتتە، ئۇنىڭدىن- بۇنىڭدىن ئاغرىنماي، ۋايسىماي ئۆزى يالغۇز داۋاملاشتۇرۇپ كەلىۋاتىدۇ.

 

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتايدىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاشقا بولغان تەشنالىغى، ھىس تۇيغۇسى ۋە ھاياجىنىدىن پايدىلىنىپ، سۈنئى قەھرىمان ياساپ چىقىشقا،

‘داۋا ئوغۇرلىغى’ قىلىپ نەتىجىنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار شۇنى بىلىشى كەرەككى، ئەگەر بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىگى ۋە ياكى ئامېركا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قانۇن، جىددى بىر قارار ماقۇللانسا ئەلبەتتە بۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇزۇن دىن بۇيان ماڭغان يوللىرى، يوللىغان دوكلاتلىرى، مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى ئېلان قىلغان مۇراجەتنامىلەر شۇنداقلا، ئىزچىل ھالدا زۇلۇم ھەققىدەئىشلەنگەن  قىسقا ۋىدىولار ،دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايشلار، گۇۋالىق ۋىدەولىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى 2017- يىلى يانۋاردىن ئېتىبارەن  ئ‍ۆزگۈرۈش  تورىدا    11 پارچە مۇراجەتنامە   ئېلان قىلغان، خىتاينىڭ جازا لاگىرىدىكى بىر مىليۇن ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى مۇراجەتنىڭ ئىمزا سانى 37 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 8 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋرۇپا بىرلىگى، دونالد ترۇمپ قاتارلىق 35 ئورۇنغا يوللانغان.

 

مەن يۇقۇردا، خىتاينىڭ دۇنيادىكى مۇھىم پورتلارنى سېتىۋېلىۋاتقانلىغى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئېلىپ بارىدىغان تېخنىكا كەڭەيمىچىلىگى، ئامېركا سودا ئۇرۇشىغا بەرداشلىق بەرەلمەي قېلىۋاتقانلىغى، شۇنداقلا  ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بەزى رىئال مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدىم.

 

خوش ئۇنداقتا چەتئەللەردىكى ئۇرۇشقاق ئۇيغۇرلارنىڭ، ئەگەر خىتاي تۇيۇقسىز غۇلاپ كېتىپ قالسا قانداق تەييارلىغى بار؟

شامالنىڭ يۆنۈلۈشى بىلەن ئۇياق- بۇياققا توختىماي ئۇچىدىغان نەرسىنى ئەخلەت دەپ ئاتايمىز. بۇ سوالغا، شامالنىڭ يۆنۈلىشى بويىنچە ئۇياق- بۇياققا ئۇچماي، شەپكىمىزنى ئالدىمىزغا ئەلىپ قويۇپ جاۋاپ بەرىشىمىز كەرەك.

 

 

 

 

 

 

Share
2365 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.