logo

trugen jacn
03 مارت 2015

خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 14 نەپەر گېنېرالنى پارىخورلۇق جىنايىتى

 

 

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن پارىخورلۇق جىنايىتى بويىچە ئەيىبلەنگەن 14 نەپەر گېنېرالنىڭ تىزىمىنى ئېلان قىلغان.

بۇ تىزىملىكتە ئۆتكەن يىلى دەم ئېلىشقا چىقىرىلغان خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭنىڭ ئوغلى گو جېڭگاڭمۇ بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گو جېڭگاڭ جېجياڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىياسىي كومىسسارى ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پارىخورلۇق بويىچە تەكشۈرۈلۈۋاتقان قالغان 13 نەپەر خىتاي گېنېراللارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ھەربىي ساھەسىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلار ئىكەن.

شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتاينىڭ دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن نۇرغۇنلىرى پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن جازالانغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھەربىي ساھەسىدە شۈ سەيخۇ تۇتۇلغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىم پارىخورلۇق بويىچە ئەيىبلىنىپ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن 14 نەپەر خىتاي گېنېرالى شى جىنپىڭنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تازىلاش ئوبيېكتلىرى بولۇپ قالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/parixor-zerbe-03022015161038.html

Share
1527 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.