logo

trugen jacn

خىتاي مۇسۇلمانلارنى «تەربىيلەۋاتىمىز» دېدى، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى: مىليون كىشىنى قامىغانلىقىنى ئىسپاتلىغانغا تەڭ

قوراللىق ساقچىلار قەشقەر كوچىلىرىدا چارلاش ئېلىپ بارماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى خىتايچە تورى، 2018- يىلى 14- سىنتەبىر

ۋاشىنگتون – خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى پەيشەنبە كۈنى مۇسۇلمانلارنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى، ھەمدە بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا كەسپىي مائارىپ ۋە قايتا ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەربىيلەش مەركىزى تەسىس قىلدى، دېدى.

كالفورنىيە شىتاتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى براد شېرمان(Rep. Brad Sherman, D-CA) «ئامېرىكا ئاۋازى»غا مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنىڭ مىليون ئۇيغۇرنى تەربىيلەش لاگىرلىرىغا قامىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتايدا ئۆتمۈشتىمۇ بىز دەۋاتقان ‘قايتا تەربىيلەش لاگېرلىرى’ بولغان، يەنە كېلىپ بىر قىسىم خىتاي رەھبەرلىرى، ياكى ئاز دېگەندە ئۇلارنىڭ پىشقەدەم باشلىقلىرى ئۇ قايتا تەربىيلەش لاگىرلىرىدا تۇرۇپ باققان، ھېچكىم بۇ يەرلەرنى ‘ئالىي مائارىپ مەركىزى’ دېمەيدۇ.»

خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسى كىشىلىك ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شاۋجۈن 13- سېنتەبىر جەنۋەدە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ خورلاشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلدى. ئۇ: «خىتاينىڭ ئۇسۇلىنى ئەڭ ياخشى ئامال دېيىشكە بولمىغان تەقدىردىمۇ، زۆرۈر ئاماللار بىلەن ئىسلام ۋە دىنىي رادىكاللىققا تاقابىل تۇردى، چۈنكى غەرب ئىسلام رادىكالىزمىغا تاقابىل تۇرالمىدى، بىلگىيەگە قاراڭ، پارىژ ياكى باشقا ياۋوپا دۆلەتلىرىگە قاراڭ،» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ مائارىپ مەركىزىنىڭ «قاماش ياكى قايتا تەربىيلەش لاگىرى» ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ يەردە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلىنىدۇ، خۇددى سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەسپىي مەكتەپكە بېرىپ تېخىمۇ ياخىشى ئىقتىدارغا ئېرىشكىنىگە ئوخشاش.»

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتىتى پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن «ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگو سىياسىتى» تېمىسىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئاۋام پالاتا تاشقى ئىشلار كومىتىتى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان گۇرۇپپىسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيسىدىن بولغان رەئىسى شېرمان گۇۋاھلىق بېرىشكە قاتناشقان دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىقتىساد ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ياردەمچىسى مانىشا سىڭغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتامدۇ – يوق؟ دەپ سوئال قويدى.

شېرمان: «خىتاي ھازىر سانى مىليونغا يېتىش ئىھتىماللىقى بولغان ئۇيغۇرلارنى قاماپ قويدى، بىز ماگنىتسكىي قانۇنىنى ئىشلىتىپ ئۇلارغا ئىمبارگو يۈرگۈزىمىزمۇ؟» دەپ سورىدى.

سىڭ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا، بىز دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىىڭ دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇشىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىمىز.»

«لېكىن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىدىغىنىمىز ئىمبارگو مەسىلىسى، بىز ئۇلارنى جازالامدۇق؟» دەپ سورىدى شېرمان ئارقىدىن.

«ئىمبارگوغا كەلگەندە، بىز رەسمىي ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئالدىن ئاشكارىلىيالمايمىز» دېدى سىڭ، – «لېكىن بىز شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بىز ھازىر ئەھۋالنى ئىنچىكە تەكشۈرۈۋاتىمىز، يەرشارى ماگنىتسكىي قانۇنى بولسا بىز ئىشلىتەلەيدىغان قورال، ئۇنى قوللىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توسىمىز.»

پارلامېنت ئەزاسى شېرمان ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ مەقسىتىنىىڭ خىتاينى جازالاش ئەمەسلىكىنى، ئەكىسچە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جازا قوللىنىشقا ئىھتىياجلىق بولمىسا، ئامېرىكا جازا قوللانمايدۇ؛ ئەكىسچە، ئەگەر جازالاش زۆرۈر بولسا، ئامېرىكا ئىمبارگو يۈرگۈزىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىس سمىس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسقا مەكتۇپ يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئېكسپورتىغا بولغان چەكلىمىلىرىنى كېڭەيتىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ش ئۇ ئا ر دىكى باستۇرۇشلىرىغا ياردەملەشكەن ياكى ئوتتۇرىدىن پايدا ئالغان مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنى چەكلەش تىزىملىككە كىرگۈزۈش تەلەپ قىلىغان.

يېقىندا، شىنجاڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىتاينى جازالاش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەدبىرلەر ھەققىدىكى مۇنازىرىنىمۇ جىددىيلەشتۈردى.

دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نائۇئېرت سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن يەنىلا قاتتىق بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 

http://turkistantimes.com/uy/news-3405.html

 

Share
2325 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.