logo

trugen jacn

خىتاي لاگىرىغا سولىنشقا سەۋەپ بولدىغان 48 خىل «قىلمىش»

كىچىك ماۋزۇ : شەرقىي تۈركستان(شىنجاڭ)دا ۋەھىملىك ئىشلار يۈز بەرمەكتە

 

 

يازغۇچى : تاننىر گرىر (Tanner Greer)

ئىلان قىلنغان ۋاقتى : 2018-يىلى 13- سىنتەبىر

ئىلان قىلنغان تور  سەھىپىسى : دىپلوماتىيە (Foreign Policy)

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : رۇسسو

 

شىنجاڭ (شەرقىي تۇركستان) دا بىر كىرىزىس بار. تەپسىلاتى تېخچە قاراڭغۇ . خىتاي كومنىست پارتىيسى شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۇركستان) 12 مىليۇن ئۇيغۇر ۋە قازاقنى  كونترول قىلش ۋە ئۈچۈن بەرپا  قىلغان نازارەت ۋە تېرورلۇق سىستمسى ھەققىدە ھىچقانداق ئۇچۇر  بەرگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ.  خىتاي كومىنست پارتىيسىگە نىسبەتەن بۇ ئىشلار خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرىدىن قانچىلىك ئۇزاق تۇرسا شۇنچە ياخشى.

لىكىن ھازىر قولىمزدا بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلىقلەرگە نىملەرنىڭ بولىۋاتقانلىقغا دائىر ئۇچۇرلار بار. رايۇندا خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئوتتۇرسىدىكى مىللىي زىدىيەتنىڭ ئۆتكۈرلىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر بولۇپ ئۇرۇشقا بېرىشى ، ئۇيغۇر مۇستەققىلچىلىرىنىڭ بىرقانچە قېتملىق تېرورلۇق ھوجۇمى ئېلىپ بېرىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن خىتاي ھۈكىمىتى « تېرورىزىمغا قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى» دەپ ئاتالىغان بىر ھەركەت ئېلىپ بارماقتا. گەرچە ھەركەتنىڭ ئىسمى شۇنداق بولسىمۇ قاپلاش دائىرسى تېرورچىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مەيلى ئۇيغۇر ۋە قازاق بولسۇن ، ھىچقانداق بىرى خىتاي كومىنست پارتيسىنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قېچىپ قوتۇلالمايدۇ.

بۇيەردىكى خەلقنى نازارەت قىلىش ۋە بېسش ئۈچۈن قوللىنىلغان  ئۇسۇللار  خىتاي كومىنسىت پارتيسىنىڭ دستوپىك ( كەلگۈسىدە دۈشمەن دەپ قارىلدىغان خەلىق ئۈچۈن قوللىنلدىغان تەبىر ـ تەرجىماندىن ) چۈشەنچىلىرىنى ئاساس قىلماقتا. مەسلەن ،  ئۇيغۇرلارنىڭ د ن ئا سىنى توپلاش ۋە كۆزىنىڭ رەڭلىك پەردىسىنى كۆچۈرۋېلىش، ئاۋاز ئەۋرىشكىللىرىنى توپلاش ، قەرەللىك تۈردە ئىلكترونلۇق ئۈسكىنلەرنى تەكشۈرۈش ، سانلىق مەلۇماتلىق كودلاشتۇرۇلغان كىملىك ئىشلىتىش ئارقلىق ئولارنىڭ ھەركەتلىرىنى تەقىپ ئاستىغا ئېلىش ۋە  س س ت ۋ نىڭ كامىرالىرىنى (ئۇيغۇر ۋە قازاقلانىڭ) ئۆيلىرى، كوچىلار ۋە بازارلارغا ئورنىتىش قاتارلىقلار.

خىتاي تارىخنى ئۈگەنگۈچى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بۇ سىستمىنىڭ باشقا ئىلمىنتلىرى كشىنى ئېچىندۇردىغان دەرىجىدە تونۇشلۇق. يەنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىغا ئوخشايدىغان بىر كۆرەش قايتدىن تىرىلدى. ئۇيغۇرلار مەيدانلارغا توپلىنىپ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى ئەيپلەۋاتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ سىياسى جىنايەتلىرىنى ئخرا  قىلۋاتىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى، ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىگە سادىق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ «قايتىدىن تەربىيلىنشى» ئۈچۈن، غايەت زور كۆلەملىك بولغان سىياسى تەربىيە لاگىرلىرىغا قاملىشىدۇر.  بۇ خىل لاگىرلاردا تەخمىنەن 600 مىڭدىن 1 مىليۇن 200 مىڭغىچە يەنى توپلام نوپۇسنىڭ 12%، ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

قانداق ئىشلارنى سادىر قىلغان ئۇيغۇرلار موشۇنداق سىياسى لاگىرلاغا توتۇپ سولىندۇ؟ بۇ ئاي كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتى شىنجاڭ (شەرقىي تۇركستان)دىكى بۇ خىل كىرىزسقا مۇناسىۋەتلىك بولغان 125 بەتلىك بىر دوكلات  ئىلان قىلدى. بۇ دوكلاتتا  دېيلىگەنلەر بەلكىم بۇسۇئالغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ. بۇ دوكلاتنىڭ تېمىسى « ئىدىئولوگىيلىك ۋىروسنى تازلاش : خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى (شەرقىي تۇركستان) مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇش ھەركىتى»دۇر.

بۇ دوكلات كشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئوخشىمغان 9 دۆلەتتە ياشايدىغان 58 نەپەر ئۇيغۇر ۋە قازاق بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىنى ئاساس قىلىپ تەييارلانغان. بۇ موشۇ خىل تۈر زىيارەتلەر ئىچىدە ئېلىپ بارغان ۋە ئىلان قىلنغان زىيارەتلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك زىيارەتتىن ئىبارەتتۇر . زىيارەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆتكەن ئىككى يىلدا شىنجاڭ(شەرقىي تۇركستان)دىن مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا قېچىپ چىققان كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياكى ئۆزى  ياكى ئۇرۇق تۇغقانلرى ئاشۇ خىل جازا لاگىرلىرىغا قامالغان . زىيارەت جەريانىدا ئولارنىڭ سۆزلىگەنىلىرى بىلەن چەتئەلدە تۇرۇپ ئوخشىمغان يوللار بىلەن بۇ ھەقتە ئۇچۇر توپلىغانلارنىڭ ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى بىلەن بىر بىرىگە ئوخشايدۇ.  كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ دوكىلاتىنى بۇ قەدەر قىممەتكە ئىگە قىلغىنى بولسا ، ئولارنىڭ خىتاينىڭ « قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتى » نىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۇركستان)دىكى خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قانداق ئۆزگەرتۋەتكەنلىكنى كۆزىتىش  ھەققىدە ناھايتى ئوچۇق بىر پەنجىرە بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىدۇر.

تۆۋەندە مەن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ قىلشتن ۋە بۇ سەۋەپ بىلەن ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇردىغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويۇشتىن قورقىدىغان ئىشلارنى تىزىپ چقىمەن . بۇ تىزملىكتىكى ئىشلارنىڭ ھەر بىرى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ زىيارەت قىلنغان بىر كىشى تەرپىدىن تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن . بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرى ، سوتسىز قاماققا ئېلىنش ۋە سىياسى تەربىيلەش لاگىرلىرىغا ئۆمۈرلۈك قامىلىپ كىتىش ئۈچۈن يىتەرلىك .

 

شىنجاڭ(شەرقىي تۇركستان)دا قاماققا ئېلىنشقا سەۋەپ بولدىغان ئىسيان بايراقلىرى

 

  1. چىدىر ساھىبى بولۇش
  2. باشقىلارغا «قەسەم قىلما» دېيىش
  3. چەتئەلگە چىقىش ياكى چەتئەلگە چىقىپ كەلگەنلەر بىلەن پاراڭلىشىش .
  4. سۇۋاركىلاش ئۈسكۈنىلىرنى ساقلاش
  5. باشقىلارغا « گۇناھ قىلما» دېيىش .
  6. چەتئەلگە چىقىش
  7. ئىتىياجدىن كۆپ يىمەك ـ ئىچمەك ساقلاش .
  8. كۈن چىقىشتىن بۇرۇن تاماق يىيىش .
  9. چەتئەلگە چىققان بىرەرسىنى تونۇش .
  10. ئۆيىدە كومپاس ساقلاش .
  11. باشلىقلار بىلەن گەپ تارتىشىش .
  12. خىتاينى باشقا دۆلەتلەرگە يەتمەيدۇ دېيىش .
  13. ئۆيىدە ئارتۇق پىچاق ساقلاش .
  14. يەرلىك كادىرلارنى يۇقىرىغا ئەرىز قىلش .
  15. كۆپ بالىلىق بولۇش .
  16. ھاراق ئىچمەسلىك .
  17. رەھبەرلەرنىڭ ئۆيىدە تاماق يىيشى، قونۇپ قېلشى ۋە كارۋىتىدا يېتشىغا رۇخسەت قىلماسلىق .
  18. تامدىن ئاتلاش دىتالى ئىشلتىش .
  19. تاماكا چەكمەسلىك .
  20. يېنىدا كىملىك ئېلىپ يۈرمەسلىك .
  21. ۋاتساپ ئىشلتىش .
  22. ئاتاـ ئانسى ئۆلۈپ كەتكەندە ئۈن سېلىپ يغلاش ۋە قايغۇرۇش .
  23. ھۆكىمەت خادىملىرىنىڭ د ن ئا توپلەش ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلش .
  24. چەتنىڭ ۋىدىئوسىنى ۋە فىلىمىنى كۆرۈش .
  25. خىتاي بايرىقنىڭ ئالدىدا رومال ئارتىپ تۇرۇش .
  26. 45 ياشتىن كىچىك تۇرۇپ ياغلىق ئارتىش.
  27. مەسجىدكە بېرىش .
  28. دۇئا قىلش .
  29. روزا تۇتۇش .
  30. تەبلىغ تىڭشاش .
  31. خادىملارنىڭ كۆزنىڭ رەڭلىك پەردسىنى نۇسخلىشغا يول قويماسلىق.
  32. خادىملارنىڭ تىلفۇندىكى بارلىق مەزمۇنلارنى كۆچۈرشىگە يول قويماسلىق .
  33. خادىملارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىللىرىنى ئېلشىغا قارشى تۇرۇش.
  34. مەكتەپتە ئانا تىلىدا سۆزلىشىش .
  35. ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدا ئانا تىلدا گەپ قىلش .
  36. ئۈندىدار، سىكايىپ ۋە باشقا ئالاقىلىشىش ۋاستىللىرىنى قوللىنىپ چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلش .
  37. ئۈستىدە ئەرەپچە يېزىق بولغان كۆينەك كېىيىش.
  38. ساقال قويۇش.
  39. مەجبۇري بولغان تەشۋىقات دەرسلىرىگە قېتلماسلىق.
  40. مەجبۇري بايراق چىقىرش پائالىيەتلىرىگە چىقماسلىق.
  41. ئاممىۋىي تەنىقدلەش ۋە ئىبرەت قىلش يىغنلىرىغا چىقماسلىق .
  42. دىننى تۈس بىردىغان كىيم كېيىش .
  43. ئاممىۋىي تەنقىدلەش يىغنلىرىدا ئۆز ئائىلسىدىن بىرىنى ياكى ئۆزىنى تەنقىد قىلماسلىق.
  44. تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا ئۇرۇنۇش .
  45. لاگىردا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشقا ئۇرۇنۇش.
  46. ئۆلگەنلەرنى ئىسلامىي يۇسۇندا دەپنە قىلش .
  47. ساقچىنىڭ رۇخسىتىسز ئۆيىگە مىھمان چاقىرىش .
  48. يۇقارقى ئىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلىپ قويىغان بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇش .

 

بۇ ھەركەتنىڭ مەركىزى ئىلمىنتى بولسا ئېنىقسىزلىق. بۇ قارارلارنىڭ قايسسىنىڭ رەسمىي قارار ۋە قايسىلىرىنىڭ يەرلىكلەرنىڭ ئۆزى چىقىرۋالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلش قىين. بۇ بەلكىم بىر لاھىيە بولىشى مۇمكىن. بىر نەپەر ئۇيغۇر زىيارەت قىلنغۇچى ئۆزىنىڭ ئەقىلي ئىقدارلىق تىلفۇننى ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن . چۈنكى ئۇنىڭغا ھىچكىم قايسى تور بەتلەرگە كىرسە بولىدۇ قايسىللىرىغا كىرسە جىنايەت سانلدىغانلىقىنى دېمىگەن . يەنە بىر زىيارەت قىلنغۇچى بولسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قوشنىللىرى ۋە يات كىشلەرگە گەپ قىلمايدىغان بولغانلىقىنى چۈنكى ئۆزىنىڭ دىققەت قىلماي ساقچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىلدىغان گەپ سۆزلەرنى سۆزلەپ سېلشىدىن قورقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. قورقۇتۇش  ـ  قاتتىق زەربە بېىش ھەركىتىنڭ  خەلىقنى ئاسان كونترول قىلالىشىدا موھىم رول ئويىغان .

پارتىيە تەرپىدىن چەكلەنگەن پائالىيەت ۋە بەزى خۇسۇسلارنىمۇ بىرمۇ بىر يېزىپ چىقىش ھەقىقي مەقسەدكە زىت بولۇپ قالىدۇ. بەزى خۇسۇسلار ، مەسلەن ، ئارتۇق پىچاقنىڭ چەكلىنشى ۋە سۇۋاركىلاش ماشىنسى ساقلاش قاتارلىقلار ئەلۋەتتە تېرورلۇق ھەركەتلىرى سادىر قىلشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. لىكىن بۇنىڭدىن باشقا ( يۇقارىدا ساناپ ئۆتۈلگەن ) موتلەق كۆپ  خۇسۇسلار زوراۋانلىق ھەركەتلىرى بىلەن ناھايتى ئاز مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كۆپىنچىسى مىللى كىملىك ۋە دىندارلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يەنى بۇ قائىدەلەرنىڭ مەقسىدى، ئۇيغۇرلارنى ئولارنىڭ ئىتقادىغا  قارشى چىقىرشتىن ئىبارەتتۇر. قازاقلارنى خىتايچە سۆزلىششكە مەجبۇرلاش ۋە ئولارنىڭ ئەنئەنۋىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلەشنىڭ تېرورىزىمنى چەكلەش بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. مەقسەد بولسا قازاقلارنى خىتايلاشتۇرۇش .

قاتتىق زەربە بېرىش ھەركىتىنىڭ مەقسىدى  ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكىمىتى دېگەندەك تېرورىزىمنى بىتچىت قىلش ئەمەس بەلكى بۇيەردىكى خەلىقنىڭ دىنى ۋە ئېتنىك كىملىكىنى بىتچىت قىلشتۇر.

بۇ ھەركەت ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر  تەرپىگە يۇشۇرۇنغان بىر خىل قورقۇنچ مۇھىت شەكىللەندۈردى.  تېرورىزىمغا قارشى  ھەركەت يۈرگۈزگەن خىتاي ئەملىيەتتە ئۆزلىرى بىر تېرور دۆلىتى بەرپا قىلدى .

 

 

ئىزاھات : بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ت.گرىر بۇرۇن بىيجڭدا ياشىغان مۇھەررىر ۋە ئانالىزچى. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتىقات دائىرسى سۈنزىدىن بۈگۈنگىچە شەكىللەنگەن شەرقىي ئاسىيا ئىستراتىگىيە چۈشەنچىسىدۇر.

 

مەنبە: https://foreignpolicy.com/2018/09/13/48-ways-to-get-sent-to-a-chinese-concentration-camp/

Share
3124 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.