logo

trugen jacn

خىتاي كۆچمەن: بايراق چىقىرىشتا بىز يوق، يېپىق تەربىيەدە ھەم

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسىدىكى بىر نەپەر خىتاي كۆچمەن بىلەن ئالدىنقى كۈنى ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا، خىتاي كۆچمەن ئۆزلىرىنىڭ بايدا ۋەقە چىققاندىن كېيىن ئالاھىدە قوغدىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئەندىشە ئىچىدە سىرتقا چىقىپ باقمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئۇ، زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدا كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىغا ئۆزلىرىنىڭ قاتناشمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يېزىدىن «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئارىسىدىمۇ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلدى.

ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىش، جۈمە كۈنى بايراق چۈشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىز باي ناھىيەسىنىڭ كانچى يېزىسىدىكى خىتاي كۆچمەن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۇلارنىڭ بايراق چىقىرىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىۋاتقان ياكى قاتناشمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەزكۇر خىتاي كۆچمەن، يېزىدا بايراق چىقىرىشتىن ئىبارەت مۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ بولۇۋاتقان ياكى بولمايۋاتقانلىقىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 5-ئايدا كېڭەيتىپ تەسىس قىلىنغان «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئۇيغۇرلاردىن 15 ياشتىن 84 ياشقىچە، پارتىيە ئەزالىرىدىن تارتىپ ئاتالمىش «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» لارغىچە، «ئىككى يۈزلىمىچى» دۆلەت كادىرلىرىدىن كەنت كادىرلىرىغىچە، ئالىي مەلۇماتلىق زىيالىيلاردىن ساۋاتسىز دېھقانلارغا قەدەر ھەر ساھە كىشىلىرى سولىۋېلىنغان. يۇقىرىقى خىتاي كۆچمەن ئۆزى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ بايراق چىقىرىش ۋە «يېپىق تەربىيە» دىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر رايوندىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىملىرى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى» دە يوقلۇقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى رەت قىلمىدى.

بىز 3 ئاي ئىلگىرى غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا «تەربىيەلەش مەركىزى» دىكى بىر كادىر تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئارىسىدا خىتايلار يوقلۇقىنى، چۈنكى بۇ تەربىيەنىڭ غايىسى «دىنىي ئەسەبىيلىك» نى تۈگىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/yepiq-terbiyelesh-11132017133804.html

Share
1489 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.