logo

trugen jacn

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» گە بولغان ئىنكاسلىرى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىكى دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» گە قارىتا رايوندىكى پۇقرالارنىڭ ئىنكاسىنى بىلىش ئۈچۈن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

خوتەندىكى خۇايى مېھمانخانىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي ئايال مۇلازىمەتچى خادىم خوتەندە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايال مۇلازىمەتچى خادىم: بۇ يەرنىڭ ئامانلىق تەدبىرلىرى ئىنتايىن ياخشى.

مۇخبىر: ئاڭلىشىمىزچە ئۇ يەردىكى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سىلەرنىڭ تىجارىتىڭلارغا تەسىر يەتكۈزۈپتۇ، سىلەر بۇ ۋەزىيەتنى قوبۇل قىلالامسىلەر؟
ئايال مۇلازىمەتچى: كونكرېت ئەھۋاللارنى مەنمۇ سىزگە ئېيتالمايمەن، ئەمما ھازىر كۆپ مەسىلە يوق، بىزمۇ بۇ ئەھۋالغا كۆنۈپ قالدۇق.

مۇخبىر: ھازىرقى قاتتىق تەكشۈرۈش سىلەرنىڭ تىجارىتىڭلارغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمىدىمۇ؟
ئايال مۇلازىمەتچى: ياق، ياق، ھېچقانداق پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمىدى.

مۇخبىر: ئاڭلىشىمىزچە، ھەر 200 مېتىردا ساقچى مۇنارى بار ئىكەن. ساقچىلارمۇ كۆپ ئىكەن.
ئايال مۇلازىمەتچى: شۇنداق، ئۇ ساقچى قاراۋۇلخانىسى. مېھمانخانىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىلا بىر ساقچى قاراۋۇلخانىسى بار، قاراۋۇلخانىدا 24 سائەت ساقچىلار نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ. ھەربىر كوچىدا ساقچى ئاپتوموبىللىرى چارلاپ يۈرىدۇ.

مۇخبىر: سىزنىڭچە ھازىرقى ۋەزىيەتتە مۇشۇنداق تەدبىر قوللىنىش لازىممۇ؟
ئايال مۇلازىمەتچى: مېنىڭ قارىشىممۇ؟ مەن بۇ يەرلىك، مېنىڭچە، بۇ يەرنىڭ ئامانلىق ئەھۋالى ھازىر ئىنتايىن ياخشى. كۆپ مەسىلە يوق.

مۇخبىر: سىزنىڭچە پۇقرالار بۇنى قوبۇل قىلالامدۇ؟
ئايال مۇلازىمەتچى: مېنى سورىسىڭىز، مەن قوبۇل قىلالايمەن، ئەمما پەقەت مەن ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلالايمەن.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، ھۆكۈمەت مۇشۇنداق قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى كېرەكمۇ؟
ئايال مۇلازىمەتچى: مەن بۇنداق قىلىشى كېرەك دېمىدىم، مەن پەقەت ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم ئاساسى بار دەپ بىلىمەن. مەن بىر ئاددىي پۇقرا، مەن نېمىمۇ دېيەلەيمەن؟!

مۇخبىر: ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىر قانداق پەرق بار دەپ قارايسىز؟
ئايال مۇلازىمەتچى: مېنى دېسىڭىز، مەن بۇ ئىشلار بىزگە تەسىر قىلمايدۇ، دەپ قارايمەن. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن شەخسەن قوبۇل قىلالايمەن، ئەمما ئۇلار (ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى) بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ، بۇنى مەن بىلمەيمەن.

قەشقەر كوناشەھەرلىك ناھىيەلىك مېھمانخانىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي مۇلازىمەتچىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلالايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ۋەزىيەتتىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تېلېفونىمىزنى دەسلەپ بىر ئايال مۇلازىم ئالدى، ئۇنىڭدىن نۆۋەتتىكى قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە ئىنكاسىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەرنى قوبۇل قالالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: مەن نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە قارىتا خىتايلارنىڭ ئىنكاسىنى بىلمەكچى ئىدىم.
خىتاي مۇلازىمەتچى ئايال: بىز ھەممىمىز بۇ ئەھۋالغا كۆنۈپ كەتتۇق، بۇ خىل ۋەزىيەتتىن قورقۇش تۇيغۇسىمۇ يوق بىزدە. بۇ خىل ۋەزىيەتنى بىز قوبۇل قىلالايمىز.

مۇخبىر: ئۇنداقتا سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟ سىز بۇنداق قاتتىق تەدبىر ئېلىشنى توغرا دەپ قارامسىز ياكى خاتا بولدى دەپ قاراۋاتامسىز؟سىزنىڭچە ھازىرقى سىياسەت قاتتىق بولۇپ كەتمىدىمۇ؟
خىتاي مۇلازىمەتچى ئايال: سىياسەتتە قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىشى بىزنى قوغداش ئۈچۈن بولۇۋاتىدۇ.

مۇخبىر: سىز مۇشۇنداق قىلىش توغرا دەپ قارايدىكەنسىز. ئۇنداقتا، ساقچىلار يوق بولسا قانداق قىلىسىلەر؟سىز بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇش ئۇلارنى(ئۇيغۇرلارنى) رەنجىتىدۇ دەپ قارىمامسىز؟ سىلەر بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتىدىن ئەنسىرىمەمسىلەر؟ سىزنىڭچە تېخىمۇ كۆپ ساقچىلار سىلەرنى قوغدىشى كېرەكمۇ؟

ئەمما تېلېفوندا دەسلەپكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بۇ ئايال مۇلازىمەتچى بۇ سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى. شۇ چاغدا ئايال مۇلازىمەتچى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مەيداندا خىتاي مىللىتىدىن بولغان يەنە بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفوننى قويۇۋېتىش ھەققىدە دېگەن گەپلىرى ئاڭلاندى.

نامەلۇم ئەر: گەپ قىلما، تېلېفوننى ئۈزۈۋەت!

ئايال مۇلازىمەتچى سۆزلىشىۋاتقان تېلېفوننى ئەر كىشىگە بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ئەر خىزمەتچىسى رايوندىكى «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» گە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا رايون ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بەردى.

مۇخبىر: سىز خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان بىر پۇقرالىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ھازىر شىنجاڭدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئالاھىدە سىياسەتكە قانداق قارايسىز؟
خىتاي خادىم: ناھايىتى ياخشى دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: ئىگىلىشىمىزچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن پەرقلىق ھالدا رايوندا ساقچىلار ئىنتايىن جىق ئىكەن، بولۇپمۇ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ئىنتايىن چىڭ ئىكەن. سىز بىر خەنزۇ بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا نىسبەتەن قانداق كەيپىياتتا بولۇۋاتىسىز؟
خىتاي خادىم: كەيپىياتىم ئىنتايىن ياخشى.

مۇخبىر: ساقچىلا ئىنتايىن كۆپكەن. ئاڭلىشىمىزچە، ھەر 200 مېتىردا بىردىن ساقچى قاراۋۇلخانىسى بار دەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق تۇيغۇدا بولۇۋاتىسىز؟
خىتاي خادىم: چېگرا رايوندىكى سىياسەتتە بۇ! نورمال ئەھۋال دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: سىز بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇشنى نورمال دەپ قارامسىز؟
خىتاي خادىم: ناھايىتى نورمال دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، بۇ تەدبىرلەر بولىدۇ.

سۆھبەت جەريانىدا بۇ خىتاي خادىم تېلېفوننىڭ ئامېرىكادىن كەلگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، پوزىتسىيەسىنى كەسكىنلىك بىلەن ئۆزگەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن باشقا دۆلەت مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مۇخبىر: بىزگە رايوندىكى باشقۇرۇشنىڭ قاتتىقلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار كەلگەن، شۇڭا ئەھۋال ئىگىلەپ باقاي دېگەن ئىدىم.
خىتاي خادىم: سىز قەيەرنىڭ ئادىمى؟ سىز قايسى تارماقتا ئىشلەيسىز؟

مۇخبىر: مەن ئامېرىكىدىكى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى.
خىتاي خادىم: سىزنىڭ بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىش ھەققىڭىز يوق.

مۇخبىر: بۇ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىش ئەمەس. بىز پەقەت خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بۇ خىل سىياسەتكە قارىتا ئىنكاسىنى ئىگىلەپ باقماقچى. يەنى دېمەكچى بولغىنىم، رايوندا تىجارەت قىلىۋاتقان خىتاي كارخانىچىلىرى، مېھمانخانا-رېستوران خوجايىنلىرىنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتكە قارىتا ئىنكاسىنى بىلىپ باقاي دېگەن ئىدىم.
خىتاي خادىم: بۇلار توغرىلىق ئۇچۇر بېرىشكە بولمايدۇ.

مۇخبىر: نېمىشقا؟ سەۋەبىنى بىلسەم بولامدۇ؟
خىتاي خادىم: بۇلارنى ساڭا دېسەم بولمايدۇ. بۇ ئىچكى قىسىمدىكى ئەھۋاللار.

مۇخبىر: ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن نارازى ئىكەن، خەنزۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بىلسەم دەيمەن.
خىتاي خادىم: بۇ تۈزۈمدىن كىم راھەتسىز ئىكەن؟

مۇخبىر: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن نارازى ئىكەنلىكى مەلۇم.
خىتاي خادىم: ئۇلار نارازىلىقىنى ساڭا ئېيتتىمۇ؟ ئۇ كىم ئىكەن؟

مۇخبىر: شۇنداق، ئۇلار ئىنكاس قىلدى، بىر مۇخبىر بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقاي دەيمەن.
خىتاي خادىم: بۇ ئەھۋاللارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، سەۋەبىنى ساڭا دېسەم تېخىمۇ بولمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا، شەخسەن ئۆزىڭىزنىڭ قارىشى قانداق؟ سىز بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىدىن قورقۇش ھېس قىلمامسىز؟
خىتاي خادىم: مېنىڭ كەيپىياتىم بەكلا ياخشى.

مۇخبىر: چۈنكى ساقچىلار سىزنى قوغدايدۇ، شۇنداقمۇ؟
خىتاي خادىم: باشقىلارنىمۇ قوغدايدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي پۇقراسى.

مۇخبىر: ئەمما ئۇيغۇرلار مېھمانخانىلاردا ياتالمايدىكەن، ئۇيغۇرلار قەيەرگىلا بارسا تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىكەن شۇنداقلا بۇ تەكشۈرۈش بەكلا قاتتىق ئىكەن. ئىنكاسلاردا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ 2-دەرىجىلىك پۇقرا مۇئامىلىسىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىپتۇ.
خىتاي خادىم: بۇنداق ئەھۋال يوق. بىز خەنزۇلارمۇ ئوخشاشلا قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتىمىز.

مۇخبىر: سىلەر خەنزۇلارمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتىدىكەنسىلەر. سىلەر بۇ ئەھۋاللاردىن ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمامسىلەر؟
خىتاي خادىم: ياق، ئاۋارىچىلىك ھېس قىلمايمىز، چېگرا رايوندا يولغا قويۇلغان سىياسەت بولغاچقا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

مۇخبىر: يەنى ھۆكۈمەتنىڭ رايوندا يولغا قويۇۋاتقان بۇ خىل قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايسىز، شۇنداقمۇ؟ مەن شۇنداق خەۋەر بەرسەم بولامدۇ؟
خىتاي خادىم: توغرا، شۇنداق دېمەكچىمەن.

ھالبۇكى بۇ يىل 9- ئاينىڭ بېشىدا قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي سودىگەر نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ خىل «مۇقىملىق تەدبىرلىرى» نى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن شىنجاڭدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى زىيادە مۇكەممەل ۋە قاتتىق دەپ قارايمەن. ھازىر يەرلىكنىڭ سىياسىتى ھەممىدە مۇقىملىقنى تەكىتلەش، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش. ئۇلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسىلە ئەمەس. مېنىڭچە، دائىرىلەر ھازىر بۇ جايدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى زىيادە تەكىتلىگەنلىكى سەۋەبلىك زىددىيەت بارغانچە ئۆتكۈرلەشكەن بىر ۋەزىيەتنى ئۆزى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. ھەممە جايدا كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى يەنى كامېرالىرى بار. بىزنىڭ شىركىتىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمۇ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، كۆزىتىش كامېراسى ۋە بىخەتەرلىك ئەسۋابلىرىنى ئورنىتىش.»

ئەينى چاغدا بۇ خىتاي سودىگەر يەنە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش خىتاي تىجارەتچىلىرىنىڭ رايون ۋەزىيىتى ھەققىدىكى نارازىلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

خىتاي سودىگەر ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ھەي، نېمىسىنى دەيسىز. ھازىر يەرلىكنىڭ سىياسىتى ھەممىدە مۇقىملىقنى تەكىتلەش، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش. ئۇلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسىلە ئەمەس. ئۇيغۇرلار تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ، خالىغان جايلارغا بېرىپ ئىشلەش ئەركىنلىكىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنماقتا. بۇ خىل قاتتىق سىياسەت بىزگە ئوخشاش تىجارەت قىلىۋاتقان، شىركەت ئېچىۋاتقان خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياللاپ ئىشلىتىشىگە قىيىنچىلىق شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ. بىز ھازىر تىجارەتتە ئېغىر زىيان تارتىۋاتىمىز.»

بۇ خىتاي تىجارەتچى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق باستۇرۇش ۋەزىيىتىگە قارىتا ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «مەن شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 10 يىل بولاي دېدى. دەسلەپ كەلگەن چاغلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئازادە پاراڭلىشاتتۇق، پسىخىك جەھەتتىمۇ توسالغۇلار يوق ئىدى. ھازىر باشقىلار (ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى) سەن بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، راست گېپىنى قىلمايدۇ! مېنىڭچە، بۇ خىل ئەھۋال يەرلىك ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ تۇيغۇسى قوزغايدۇ. ھېس قىلىشىمچە، نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك، دۈشمەنلىك نەزىرىنى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن كۆرۈش مۇمكىن، ئەمما، ئۇلار سىزگە بۇنى ئېيتمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ، بۇ مېنى ئەنسىرىتىدۇ.» دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-xitay-sodiger-10022017144824.html

Share
1596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.