logo

trugen jacn

خىتاي كومھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن خىتاي ئىمپېرىيىسىدە ئىندىجنېىس خەلق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟

( پارچە )

نەزەر

 

ئىندىجنېىس خەلق ئاتالغۇسىنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسى شۇندىن ئىبارەتكى، مۇئەييەن بىر ئىنسانلار توپلۇقىنىڭ بەلگىلىك بىر جۇغراپىيىلىك جايغا نىسپەتەن يەرلىك ئادەملەر توپلۇقى ئىكەنلىكنى بىلدۈرىدۇ، يەنى بۇ ئىنسانلار توپلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد شۇ جايدا تۇغۇلۇپ، شۇ جايدا ياشادىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەينى زاماندا ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەر ئۆز زېمىنىدىن ھالقىپ باشقا ئەللەرگە بارغاندا شۇ جايدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپلۇقىنى « ئىندىجنېس خەلق » دەپ ئاتىغان. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەدەنىيەت كاتېگورىيىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىندا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن. بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى ئۇيغۇر خەلقىدۇر.

خىتاينىڭ ھەر قايسى سۇلالە ھۆكۈمەتلىرى ئەزەلدىن خىتاي ئىمپېرىيىسىدە پەقەت جۇڭخۇا مىللىتى مەۋجۇت، بۇ ئىمپېرىيىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ (خەلقلەرنىڭ)  ھەممىسى خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە- چەۋرەلىرى، بۇ ئىمپېرىيە ئەزەلدىن خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە- چەۋرەلىرى ياشىغان ماكان، بۇ  يەر خىتايلارنىڭ (جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ) زىمىنى دەپ تونىغان ھەمدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە. ھەر قايسى خىتاي سولالە ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ئىمپېرىيىسى ئىچىدە باشقا مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلغان ئەمەس.

خىتاي كومھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تارىختىكى بارلىق سولالە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مىللەت (خەلق) ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە ۋارسلىق قىلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شۇڭلاشقا بۇ ھۆكۈمەت خىتاينىڭ مۇستەملىكىلىرى – شەرقىي تۈركىستان، تىبەت  ۋە  جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردا ئىندىجنېس خەلق يوق، ئۇلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى دەپ قاراپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشىدىكى تۈپكى  سەۋەب شەرقىي تۈركىستان، تېبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلارنى ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ۋە بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەرنى خۇاڭدىنىڭ ئەۋرە- چەۋرەلىرى دەپ ھېسابلىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. ئەگەر خىتاي كومھۆكۈمىتى خىتاي ئىمپېرىيىسىنىڭ تېررىتورىيىسى ئىچىدە ئىندىجنېس خەلق مەۋجۇت، دەپ ئېتىراپ قىلىسا، ئۆزىنى مۇستەملىكىچى دەپ جاكارلىغان بىلەن تەڭ بولۇپ قالىدۇ.

ئېھتىيات قىلىڭ، پاكىتلارغا سەل قاراپ، ھېسىياتقا بىرىلىپ ئىش قىلماڭ، « ئىندىجنېىس » دېگەن بىر كەلىمىنى ئىنكار قىلىش تۈپەيلى ئۆزىڭىزنىڭ ماكانىڭىز —  مۇقەددەس ھەم تەۋەررۇك بولغان شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ئايرىلىپ قالماڭ !

2022-  يىلى يانۋار

 

 

Share
2113 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.