logo

trugen jacn

خىتاي كومھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ھەم مىللىي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ھەم مىللىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزمەكتە

 

نەزەر

 

خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ ( كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ) نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان مىللىي مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە  مىللىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىنسانىيەتكە قارشى  بىر جىنايەت. بۇ جىنايەتنى مەدەنىيەت جەھەتتىن مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتىسىيىسى، دەپ چۈشەندۇرۇش خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ئېچىپ بېرەلمەيدۇ. چۈنكى مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى بىلەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقدىن ئىبارەت بۇ ئىككى سۆز بىرىكىمىسى ئىپادىلىگەن ئاساسىي لېكسىكىلىك مەنىلىرى بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنى ئىپادىلىسىمۇ، لېكىن ئولارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ پەرقلەر مەۋجۇت.

ئاسسىمىلياتسىيە ئۇقۇمى مۇئەييەن بىر بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللەت كىملىكىگە ئىگە بولغان بىر شەخس ياكى بىر ئادەملەر توپىنىڭ ( مىللەتنىڭ) باشقا مۇئەييەن بىر بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىكىگە ئىگە بولغان ئادەملەر توپىغا ( مىللەتكە)  ئۆزگىرىپ (ئايلىنىپ) كېتىش جەريانىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۇقۇم ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ستىخىيلىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيىدىن ئىبارەت ئىككى خىل فورماتسىيە ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. ستىخىيلىك ئاسسىمىلياتسىيىدە مۇئەييەن بىر شەخىس ياكى بىر مىللەتنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىختىيارىي ھالدا بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىك جەھەتتىن باشقا بىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مىللەتكە ئۆزگىرىپ (ئايلىنىپ) كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە بولسا بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلغان ھۆكۈمران ھاكىمىيەتنىڭ باشقا بىر مىللەتكە قارىتا ياكى تىنچلىق يولى ياكى زوراۋانلىق كۈچى بىلەن يۈگۈزىدىغان (ئىجرا قىلىدىغان) ئاسسىمىلياتسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيە بىر مىللەتنى بىئولوگىيىلىك ۋە ئىجتىمائىيلىق كىملىك جەھەتتىن ھۆكۈمران ھاكىمىيەت ۋەكىللىك قىلىدىغان غەيرىي بىر مىللەتكە قوشۇلۇپ (ئايلىنىپ) كېتىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى ئاسسىمىلياتسىيە زوراۋانىسىز مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيسى ۋە زوراۋانلىق مەدەنىيەت قىرغىچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  زوراۋانىسىز مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە بىلەن زوراۋانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق تۈسىنى (شەكلىنى) ئالغان- ئالمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. زوراۋانىسىز مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى بولسا تىنچلىق تۈسىنى ئالغان، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىن تىنچ (سىلىق) بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى. بۇ جەرياندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان مىللەتنىڭ ئاۋام خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولىۋاتقانلىقىنى ئانچە سېزىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىغا خىتاي تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ماتېرىياللارنىڭ كۆپلەپ كىرگۈزۈشى، خىتاي تىلىنىڭ مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن باشلاپ دەرسلىك تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى ۋە مىللىي رايونلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق- تەرغىپ قىلىشى قاتارلىق ئىش- ھەرىكەتلىرى زوراۋانسىز مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر. گەرچە زوراۋانىسىز مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى  بىر تىنچ جەريان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا   مەمۇرىي  بۇيرۇق تۈسىنى(شەكلىنى) ئالغان ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. زوراۋانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بولسا زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان، قىسقا مۇددەت داۋاملىشىدىن ھەم ۋەھشىي ھەم دەھشەتلىك بىر ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى. بۇ جەرياندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقان مىللەتنىڭ ئاۋام خەلقىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولىۋاتقانلىقىنى شۇ زامان سېزىدۇ. مەسىلەن، خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، مىللىي مەكتەپلەردە مىللىي تىللارنىڭ قۇللىنىشنى مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن چەكلىشى، مىللىي ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلىشى، مىللىي ئاھالىلار ئۇلتۇراقلاشقان رايونلاردىكى ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلار بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىشى ۋە مەسچىتلەرنى بۇزۇپ تاشلىشى ياكى ئۆزگەرتىپ باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىشى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خانىۋەيران قىلىشى قاتارلىق جىنايى ئىش- ھەرىكەتلىرى زوراۋانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.  ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولسا بىر مىللەتنىڭ جىسمانىي مەۋجۇتلىقىنىڭ باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گىتلېر ناتسىستلىرىنىڭ يەھۇدىيلەرگە قارىتا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقى، نوۋەتتە خىتاي كومھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلاپ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىز جازا لاگېرلىرىغا سولاپ بىر چەتتىن ئۆلتۈرۈشى، ئاتا- ئانىسى قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ بالىلار جازا يەسلىرىگە قامىلىشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى توغماس قىلىپ قويۇشى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھامىللىرىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۋېتىشى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى خىتايلارغا تۇرمۇشقا چىقىشقا مەجبۇرلىشى قاتارلىق جىنايەتلىرى ئىرقىي قىرغىچىلىقنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.

1877-يىلى خىتاي چىڭ سولالىسى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى قايتا مۇستەملىكە قىلغاندىن باشلاپ،

ھەر قايسى خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا قىسمەن ھالدا مىللىي  ئىرقىي قىرغىچىلىق يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، ئاساسىي جەھەتتىن  زوراۋانسىز مىللىي مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى يۈرگۈزگەن. ھاتتا كومھۆكۈمىتىمۇ 1949– 2017-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاساسەن زوراۋانسىز  مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى  يۈرگۈزگەن. 2017-يىلدىن باشلاپ كومھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا يۈرگۈزۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى بولسا ھەم مىللىي مەدەنىيەت قىرغىچىلىقى ھەم  مىللىي ئىرقىي قىرغىچىلىقىدۇر.

2020-يىلى ئۆكتەبىر

Share
2581 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.