logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا

 

تەيبېيدىكى مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر يىغىندا خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى بىلەن خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى قايتىدىن تەڭشىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جاڭ چۈنشيەننىڭ مەركەزگە ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭېشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە قويۇلۇپ، ئىككىنچى سەپكە چېكىندۈرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن خۇ چۈنخۇانىڭ جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا سېكرېتار قىلىپ قويۇلۇشى مۇمكىنكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇ چۈنخۇا ھەربىي ساھەدىن ئۆستۈرۈلگەن ئەمەلدار بولۇپ، ئۇ ھازىر خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلاردا بىرىنچى قول ئەمەلدار بولغانلىقى مەلۇم.

Share
1102 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.