logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيىسى دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىمۇ دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

 

خىتاي كومپارتىيە ئەزاسى كادىرلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ دىنغا ئىشىنىشىگە ۋە دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى جاكارلاندى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك ئورگانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «پارتىيە تەشكىلات بۆلۈمى» يېڭىدىن ئېلان قىلغان پارتىيە نىزامنامىسىدە بۇ ماددىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بىر پارتىيە رەھبىرىنىڭ سۆزى نەقىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «كومپارتىيە ئەزاسى كادىرلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ دىنغا ئىشىنىشىگە، ھەرقانداق دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىغا بولمايدىغانلىقى شۇنداقلا خۇراپاتلىق بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئېنىق تۈزۈم بار.»

ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى كومپارتىيە بىلەن ئىدىيە، سىياسىي كۆز قاراش ۋە ھەرىكەتتە يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىكنى ساقلاپ قېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا گەرچە پۇقرالارنىڭ دىنغا ئىشىنىش ئەركىنلىكى بارلىقى يېزىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتنىڭ بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلىمە ۋە بېسىم ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-din-02052016170458.html

Share
1270 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.