logo

trugen jacn

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر رايونىدىن تەيىنلەنگەن 43 ۋەكىلدىن 9 ئى ئۇيغۇر

ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم 6- ئاينىڭ 29-كۈنى ئاتالمىش سايلام ئۆتكۈزۈپ، بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 43 ۋەكىلنى بېكىتىپ چىققان.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر 43 ۋەكىلنىڭ 25 نەپىرى خىتاي، 9 نەپىرى ئۇيغۇر، قالغان 9 نەپىرى قازاق، قىرغىز، تاجىك، تۇڭگان، شېۋە، موڭغۇل قاتارلىق 6 مىللەت تەشكىللەنگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، 19-قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش، بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە چېتىشلىق قارارلار ئېلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر زور يىغىندا، رايوندىكى نوپۇسنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر مىللىتىدىن پەقەت 9 نەپەر، نوپۇسنىڭ 40ئىگە يەتمەيدىغان خىتاي مىللىتىدىن 35 نەپەر ۋەكىل تەيىنلىنىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئۇچقۇنجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر يېڭى ئەھۋال ئەمەس، ئەمما بۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتلار، خىتاي تېخى يېقىندا ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتابىدىكى ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھەقلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى تۈپتىن رەت قىلىدىغان پاكىتلاردۇر.

ئاتالمىش 9 ۋەكىلنىڭ سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتىن باشقا يەنە، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن سايلانغان ئەمەس، كومپارتىيە تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇچقۇنجان ئەپەندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئورنى پۈتۈنلەيلا يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە 9 نەپەر ۋەكىل قاتارىغا خىتايغا ساداقەت بىلدۈرۈپ نام چىقارغان كېرىيەلىك يېزا باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇنمۇ كىرگۈزۈلگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-qurultay-07052017151718.html

Share
1253 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.