logo

trugen jacn

خىتاي قىرغىزىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنى ھەسسىلەپ كۆپەيمەكتە

kirgizistan-da-cin-disisleri-bakanina-devlet-8460524_x_o

خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سىياسي ۋە سودا – ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە يەنە مەبلەغ سېلىشنىمۇ ئاشۇرماقتا. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا سېلىۋاتقان مەبلىغى تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بولۇپ، پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ قىرغىزىستان دۆلەتلىك ستاتىستىكا كومىتېتىنىڭ مەنبەلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بۇ يىل يانۋاردىن مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ بۇ دۆلەتكە سالغان مەبلىغى ئۆتكەن يىلى بۇ مەزگىلدە سالغان مەبلىغىگە قارىغاندا 15 ھەسسە ئاشقان. ئەمما، خىتايغا قارىغاندا رۇسىيە، قازاقىستان ۋە تۈركىيەنىڭ قىرغىزىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرى ئانچە يۇقىرى بولمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزسىتاننىڭ نارىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «نارىن – يىپەك يولىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئىقتىسادىي ئۆتكەل» ناملىق 4 – قېتىملىق خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى پائالىيىتىدە نارىن ۋىلايىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى سودا، ئىقتىسادىي، ساياھەت بويىچە مەخسۇس مېموراندۇم ئىمزالىغان. خىتاي تەرەپ قىرغىزىستاندا سېمونت زاۋۇتى قۇرۇش، دولون تاغ داۋىنىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانى قۇرۇش، مىنېرال سۇلۇق ئارشاڭنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىنېرال سۇ مەھسۇلاتلىرىنى تەييارلاش ۋە باشقا كۆپ تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىق لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئوتتۇرا ئاسىيا خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە نارىن دەرياسىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇش لايىھىلىرىگىمۇ مەبلەغ سېلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن.

تېخى ئۆتكەن ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن سودا – ئىقتىسادىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ھەم قىرغىزىستاننىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا كىرگۈزۈلۈش مىقدارىنى ئاشۇرۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-qirghizistan-06092016192220.html

Share
1232 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.