logo

trugen jacn

خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بايدىكى كان ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىدائىيلارنى تېخىچە تۇتالمىغان

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

بايدا كۆمۈر كانغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 4-ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قېچىپ يۈرگەن پىدائىيلارنى تېخىچە تۇتالمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىئومىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى تۇنجى خەۋەرنى دۇنياغا ئاشكارا قىلغاندىن كېيىن، چەتئەلدىكى چوڭ تاراتقۇلارمۇ بۇ ھەقتە نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان.

ئەنگلىيەدىكى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بىر مۇخبىرى مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە نەق مەيداندىن ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئاقسۇ تەۋەسىگە بارغىنىدا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا توسۇۋېلىنغان.

ساقچىلار ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ھازىر تېررورچىلارنى ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بايغا ياكى كۆمۈر كان رايونىغا بېرىشقا بولمايدۇ،» دېگەن.

ئاقسۇدا نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر يەرلىك كىشىنىڭ مەزكۇر مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، كاندىكى ھۇجۇم ۋەقەسىدە 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇمكەن. گەرچە دائىرىلەر بۇ ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاقسۇدىكى بەزى كىشىلەر مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەن كىشىلەر سانىنىڭ 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتىكەن.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/komurkan-hujum-10122015141245.html

Share
1636 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.