logo

trugen jacn

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىغا ئوتچاچار ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

«ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىغا قارىتا ئوتچاچار (راكېتامىيۇت) قورال ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

بۈگۈن خوڭكوڭدا چىقىدىغان «سۇمۇرغ» تورىمۇ «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» دىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئوتچاچار ئىشلىتىلىپ تېررورچىلار بىتچىت قىلىندى» سەرلەۋھىلىك مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ ئالاھىدە ئەترىتى بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنى 56 كۈن ئىز قوغلاپ تىنتىش ئارقىلىق ئۆتكەن ھەپتە تەڭرىتېغىنىڭ ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئۆڭكۈردە قورشىۋالغان.

ئۇلار ئۆڭكۈرگە بېسىپ كىرىشكە پېتىنالماي، ئۆڭكۈردىكىلەرگە كاناي ئارقىلىق نەسىھەت قىلىش، ياش ئاققۇزىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش، ھەتتا پارتلاپ-سىلكىتىش بومبىسى ئېتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللانغان. بۇ ۋاستىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كېيىن، خىتاي ئالاھىدە ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئۆڭكۈرگە قارىتىپ ئوتچاچار ئىشلىتىشكە بۇيرۇق بەرگەن. يۇقىرى بېسىملىق كۆيدۈرگۈچى ئوتچاچارنىڭ زەربىسىدە ئۆڭكۈردىكى ئون نەچچە گۇماندار سىرتقا ئېتىلىپ چىققان.

خەۋەردە يەنە ئوتچاچارنىڭ زەربىسىدە سىرتقا شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىققان ئون نەچچە پىچاقلىق گۇماندارنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن تولۇق ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بايدىكى كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىغا، جۈملىدىن ئايال ۋە بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان گۇماندارلارغا قارىتا ئوتچاچار قورال ئىشلەتكەنلىكى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/komurkan-hujum-11232015155335.html

Share
1467 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.