logo

trugen jacn

خىتاي, قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتتى

 

ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا يوللانغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ۋە ناھىيلەردە «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشچە، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى ساقلاش مەقسىتىدە بۇرۇن ئۆزى ياكى باشقىلار قىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشلىرىدىن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان، قانۇنسىز توپلىشىپ ناماز ئوقۇغان، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەردە تەبىلىغ ياكى دەرىس ئالغان، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تەرپىنى ئالغان ياكى ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان، يانفۇندا جىھاد فىلىملىرىنى كورگەن ياكى ساقلىغان يەنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ، ساقلىغان ، ئويلىغان دىگەندەك قىلمىشلارنىڭ قايسى بىرى سادىر بولغان بولسا شۇنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ كۇچكە ئىگە ۋاقتى ئۈچ ئاي دەپ ئۇقتۇرۇلغان.

ئەگەر ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە مەسلىنى تاپشۇرمىغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۇرۇشتە قىلىنىپ ، ئېغىر جازالىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلارنىڭ بۇ قىلمىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىكى «ئېچىلىپ سايراش» دىگەندەك ئۇيغۇرلارنى زورلاپ مەسىلە تاپشۇرغۇزۇپ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن جازالاپ، كونا سىياستىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان 21-ئەسىرگە كەلگەندە  20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى دەۋىرىنى قايتا بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى

Share
1283 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.