logo

trugen jacn

خىتاي قازاقلارغا تۇتقان نىسبەتەن يۇمشاق سىياسىتىنى بىردىن ئۆزگەرتكەن

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۈگۈن بىر قازاق ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان دىنىي، سىياسىي تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان قازاقلارغىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قازاقلارنىڭمۇ پاسپورتىنى جىددىي يىغىۋېلىۋاتقاندىن باشقا، قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىپ قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ۋە ئۇ جاينىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتىپ كېلىپ پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا، قايتىپ بارغانلىرىنى بولسا، تەربىيىلەش سىنىپى نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن  تۇتۇپ تۇرۇش كەبى ئورۇنلىرىغا جايلاشتۇرۇپ تەربىيە بەرمەكتە ئىكەن.

نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئالمۇتادىن رادىئومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر نەپەر قازاق زىيالىيسى، ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا ئون يىللار ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان 200 مىڭدەك قازاقنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، گەرچە قازاقىستان گراژدانلىقىنى ئېلىپ بولغان بولسىمۇ، تۇغۇلغان يۇرتى ئالتاي ۋىلايىتىدە قالغان ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن، قازاقىستاندا تۇرۇپمۇ خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەلدىن قازاقلارغا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا يۇمشاق سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 7-8 ئايدىن بۇيان قازاقلارغىمۇ سىياسىتىنى بىردىن ئۆزگەرتكەن بولۇپ، قازاقلارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋېلىش، قازاقىستان پاسپورتى ۋە يېشىل كارتىنىمۇ تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاش، قازاق دىنىي ئۆلىمالىرىنى تۇتقۇن قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان قازاقلارنى قاماققا ئېلىش، دىنىي مەزمۇندىكى ئۇچۇر تارقاتقان ۋە كۆچۈرگەن قازاقلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، چەتئەللەرگە چىقىپ كىرگەن قازاقلارنى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۆگىنىش مەركىزى نامىدا قاماشقا ئوخشاش مىسلى كۆرۈلمىگەن قاتتىق سىياسىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

بۇ شىكايەت قىلغۇچى يوللىغان ئالتاينىڭ كۆكتوقاي ناھىيىسى قاراتۇڭكې يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ 12-ئاپرېل تارقاتقان قازاقچە‏-خىتايچە ئىككى تىلدىكى ئۇقتۇرۇشىدا، دائىرىلەر بارلىق كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پاسپورتنى 3 كۈن مۆھلەت ئىچىدە يەرلىك دائىرىلەرگە تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلغان ھەمدە ۋاقتىدا ئۆزلۈكىدىن تاپشۇرمىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. ئۇچۇر بەرگۈچى قازاق زىيالىينىڭ تەكىتلىشىچە، ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىملىق پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىدە دائىرىلەر پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى پاسپورتلارنى يىغىپ قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە چېقىلمىغان بولسا يېقىنقى ئايلاردا قازاقلارنىڭ پاسپورتىنىمۇ ناھايىتى جىددىي ھەمدە قاتتىق قول تەدبىرلەر بىلەن مەجبۇرىي يىغىشقا باشلىغان. قازاقىستان پاسپورتىغا ياكى يېشىل كارتىغا ئىگە قازاقلارنىمۇ ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، پېنسىيە مائاشلىرىنى توختىتىشقا ئوخشاش ئۇسۇللار ئارقىلىق قايتىپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان. ھەر تۈرلۈك ئەندىشىدە قايتىپ بارغان قازاقلارنى بولسا قازاقىستان تەرىپىدىن بېرىلگەن پاسپورتقا ئوخشاش قانۇنلۇق كىملىك ھۆججەتلىرىنى كۆز ئالدىدا ۋەيران قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، قازاقىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇغقان يوقلاش ۋە سودا ئۈچۈن بارغان قازاقىستان گراجدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان، ئەسلى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆچۈپ چىققان قازاقلارنىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش باھانىسىدە بىر نەچچە ئايلىق سولاپ قويماقتا ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە بولسا قازاقىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىشىغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن زور ساندىكى قازاقلارنىڭ، ئەسلى ئۆز يۇرتلىرىدا قالغان ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.
بىز بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ كۆردۇق، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي ساقچى، ئالتايدا ئومۇميۈزلۈك پاسپورتلارنى يىغىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ھەر قانداق مىللەتلەرنىڭكىنى ئوخشاش يىغىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قازاقىستان پاسپورتى ۋە يېشىل كارتىسى بارلارنىڭمۇ پاسپورت ۋە كارتىنى ئېلىپ كېلىپ تىزىملىتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئالتاي شەھىرىدىن تېلېفوننى ئالغان بىر قازاق كىشى پاسپورتىنى دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن باشقا سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

13-ئىيۇن، رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىگە قازاقىستاندىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغان بىر قانچە قازاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە،قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان قازاقلارنىڭ خىتايغا ۋىزا ئېلىشى رەت قىلىنغان،ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بولسا پاسپورتلىرى تارتىۋېلىنغان.قازاقىستاندا ياشاۋاتقان قازاقلار خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇسۇللار بىلەن ئائىلىلەرنى پارچىلاۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ 31-ماي كۈنى ئالماتادىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.

دەرۋەقە يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا داۋام قىلىۋاتقان «ئۈچ خىل كۈچلەر»گە زەربە بېرىش، يۇقىرى بېسىملىق تەھدىت ھالىتىنى ساقلاش ھەرىكىتىدە، ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرى ساھەسىدە قاتتىق زەربە بېرىش، قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقانلارنى پاش قىلىش، قاتتىق جازالاشنى جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم، 3-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدا 11 كىشىنىڭ قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان دەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغان تىپىك 11 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 1-سى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئالاقىدار ئۈن-سىن بۇيۇمىنى ساقلىغان، تارقاتقان دەپ 2017-يىل 28-يانۋار،تۇتقۇن قىلىنغان 48 ياشلىق قازاق ئەر ئىدى. بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، يەنە بىر قازاققىمۇ ئېغىر جازا كۆرۈشى ۋە بۇنى خەۋەرلەردە ئەڭ ئالدىغا تىزىشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئالتاي ۋىلايىتى ئاپرېلدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە باشقا مۇھىم ئورگانلارغا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى پاش قىلغانلارنى 5 مىليون يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە، قورال ياكى پارتلاتقۇچ ياسىغانلارنى پاش قىلغانلارنى 4 مىليون، چېگرادىن كىرگەن ياكى چىققان تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 3 مىليون، چەتئەللەردىكى تېررورچىلارغا پۇل ياردەم قىلغانلارنى پاش قىلغانلارنى 2 مىليون يۈەن مۇكاپات بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە قازاق نوپۇسىنى ئاساس قىلغان،ھازىرغىچە بىر جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەن ئالتايدەك بىر جايدا بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشى بەزى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن، «بۇ يەرلىك مىللەتلەر ئورتاق ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىپادىسى» دەپ مۇلاھىزە قىلىنغان ئىدى.

خىتاينىڭ قازاقلارغا تۇتۇپ كەلگەن مۆتىدىل سىياسىتىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىپ قاتتىق قول سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى يېقىندىن بۇيان قازاقىستانغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ چىققان قازاقلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە توپلۇقلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى بەزى ئىنكاسلار يېقىنقى كۈنلەردە فەيسىبوك قاتارلىق دۇنياۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىمۇ تارقىلىپ ئۇيغۇرلاردىنمۇ ئىنكاس پەيدا قىلماقتا.

بۈگۈن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن دىن، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئوخشاشلىققا ئىگە قازاق خەلقىنىڭمۇ پۇقرالىق ۋە ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى ئاشكارا دەپسەندە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ بارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭدا پەقەت ۋاقىت پەرقىلا بار»دەپ مۇلاھىزە قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/ablimit-damolla-06132017161101.html

Share
1522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.