logo

trugen jacn

ھازىر, خىتاي غالچىلىرى نىمە ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ؟


مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

ئۈرۈمچى شەرھەرلىك  ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قادىر مەمەتنىڭ تۇتۇپ سۇلاپ قويۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. قادىر مەمەت  زەنجىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قولىدىكى بىر غالجىر ئىت بولۇپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى تالاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن. قادىر مەمەت 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆستۈرۈلگەن. يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن400 مىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز … قاتارلىق يەرلىك نوپۇسنى ھەيدەپ چىقىرىشتا شەپقەتسىز ۋاسىتىلارنى قوللىنىش بىلەن بىرلىكتە ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدا تۇتۇلۇپ جازا لاگېرىغا سۇلىنىشى ئۈچۈن يۈز مىڭلارچە جىنايى ئارخىپلارغا ئىمزا ئېتىپ  مۇناسىۋەتلىك ساقچى ئۇرۇنلىرىغا ئەۋەتكەن.  جازا لاگىرىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى تۇرمىلارغا يۆتكەش، سالامەتلىكى ياخشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچ ئورگانلىرىنى سۆكۈپ ئېلىش، يوللاش،  تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىمىيىلىك، بىيولوگىيەلىك قوراللارنى سىناق قىلىش جەريانىدا جانلىق ماتىريال قىلىپ ئىشلىتىش، ئۆلگەنلەرنى نامەلۇم يەرلەرگە كۆمۈش، يەڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر، قازاقبۇۋاقلىرىنىڭ تومۇرلىرىدىكى قانلارنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ بېجىڭدىكى ئالى رەھبەرلەرگە يوللاش، قېنى سۈمۈرۈۋېلىنغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈكى قايتۇرغاندا چاتاق چىقارغان ئاتا- ئانىلارنى قورقۇتۇش، سۇلاش… قاتارلىق كۈرمىڭلىغان دۆلەت جىنايىتىدە بىۋاستا رول ئالغان كاللا كىسەر بىر قاتىلدۇر. بىرمۇ ئۇيغۇر، قازاقنى تۈرمە، جازا لاگىرىدىن بوشىتىش قولىدىن كەلمەسلىكىگە قارىماي، يەنە شۇ بىچارە ئۇيغۇرلاردىن مىليونلاپ پارا ئەلىپ، ئاتا، ئانىسى، ئاكا، ئۇكىلىرىنىڭ جازا لاگىرىدىن قۇيۇۋېتىلىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ كەلگەن قىزلار ئىچىدە كۆزى چۈشكەنلىرىنى ئۆزى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا زورلاپ… ئەيشى  ئىشرەت  ئىچىدە ياشىغان بۇ ھارامزادە خىتاي ئۈچۈن تارىخى ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن خىتاينىڭ بىر قاراڭغۇ كامىرىدا ياتماقتا.
قادىر مەمەت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر قېنى ئىچىپ سەمرىگەن خىتايغا ئەبەدىي سادىق غالجىر ئىتلارنى  خىتايلار نىمە ئۈچۈن تۇتۇپ يوق قىلىدۇ؟ چۈنكى قادىر مەمەت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېرقى قىرغىنچىلىققا ئائىت جىنايى سىرلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۆزىنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايى پاكىتلىرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇلارنى يوقىتىشقا مەجبۇر. نۇر بەكرىمۇ شۇ مەقسەتتە يوقىتىلغان. نۇر بەكرىنىڭمۇ، قادىر مەمەتنىڭ ھايات تۇرىمىدىن بوشىتىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتايلار “ئاشكارىلانمايدىغان سىرنىڭ قەۋرە ئاستىدا ساقلىنىشى شەرت” دىگە قايدىنى ياخشى بىلىدۇ.  بەزى ئۇيغۇرقېرىنداشلار، خىتاي تەرىپىدىن تۇتۇپ سۇلانغان ئەشەددى غالچىلارنىمۇ، بەلكىم مىللى ھېسسىياتى بولغانلىقىدىن خىتايلارتۇتۋالغاندۇر، دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلە ئۇنداق ئاددى ئەمەس.
خىتايلار 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنى تۈرمە، جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم قىلىش جەريانىدا قادىر مەمەتكە ئوخشاش  ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرنى ئاپشاركا قىلىپ ئىشلەتتى. ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇر قىرىشتا رېكورت ياراتقان ئۇيغۇر مۇناپىقلار كۆپ جىنايەتلەرگە شاھىت بولدى.  ئەمدى بۇ ھەرىكەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش زامانى كەلدى. شۇڭا ھەركەت ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بارلىق جىنايى پاكىتلاريۇقۇتۇلىشى كېرەك. مېنىڭچە تۇرمىغا، جازا لاگىرىغا تاشلىنىپ قىيىن قىستاقلارغا، تەن جازاسى، خورلىنىشلارغا ئۇچراپ ھاياتتا قالغان بىگۇنا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قۇيىۋېتىلىشى مۇمكىن. بىراق بۇ ئۇيغۇرلارغا قارشى يىللارچە بىۋاستە زۇلۇم قىلغان جىنايەت ئورتاقلىرى ۋە جىنايەت شاھىتلىرى بولغان قادىر مەمەتلەرنىڭ بىرسىمۇ ھاياتتا قالمايدۇ. چۈنكى، خىتايلار ئۇيغۇر مىللى قىرغىنچىلىقىغا ئائىت سىرلارنىڭ توپراق ئاستىدا قېلىشىنى ئىستەيدۇ.  بۇرۇن خىتايلار،  ئۆزلىرىگە سادىق ئۇيغۇر خائىن، مۇناپىقلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى. ھازىر خىتاي دۆلەت جىنايىتىنىڭ سىرلىرىنى بىلگۈچى ھىچبىر ئۇيغۇر ساق قالمايدۇ.
خىتاي غالچىلىرى نىمە ئۈچۈن خىتاي تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ؟ چۈشەندىڭىزمۇ؟  راھەت ھاياتنى خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئىزدىگەن ئۇيغۇرلار ئەمدى نىمە ئويلاۋاتىسىلەر؟
Share
11556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.