logo

trugen jacn

خىتاي-سۈرىيە ھەربىي ھەمكارلىقى ئۇيغۇرلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن

 

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يېقىندا سۈرىيە-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرى ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

خەلقئارادىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلار خىتاينىڭ سۈرىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەبلەر ئارقىسىدا سۈرىيەدىكى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. كۆزەتكۈچىلەر بولسا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگە دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ دۆلەت مەتبۇئاتلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىقلارغا مەسئۇل بۆلۈمى باشلىقى گۈەن يۇفېي سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى فاھاد جاسسم ئەل-فرەيج بىلەن دەمەشقتە ئۇچراشقان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىشىچە، سۈرىيە بىلەن خىتاي ئارمىيىلىرى ئەزەلدىن دوستانە مۇناسىۋەت ئىچىدە ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىدا ھەربىي خادىملارنى تەربىيىلەش ۋە ئىنسانىي ياردەم خىزمەتلىرىنى ئاشۇرۇش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان. گۈەن يۇفېي بۇ زىيارىتىدە يەنە رۇسىيە گېنېرالى سېرگېي چىۋاركوف بىلەنمۇ ئۇچراشقان، ئەمما ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل بېشىدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدە ئاكتىپراق رول ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. بۇ، بۇ يىل 4-ئاپرېل كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ئەلچىسى شى شياۋمىننىڭ سۈرىيەگە بېرىپ ئۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ۋە ئۆكتىچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن.

خىتاي ھەربىي ئەمەلدارى گۈەن يۇفېي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ بۇ نۆۋەت ئۇرۇش ئوتى ئىچىدىكى سۈرىيە پايتەختى دەمەشقتە قىلغان بۇنداق ئاز كۆرۈلىدىغان زىيارىتى غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھازىرغىچە سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا بىۋاسىتە قاتنىشىشقا بەك قىزىقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ سۈرىيەدە بەزى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئەندىشىسىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراققا بېرىپ، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، يۇقىرىدىكى قاراشقا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ سۈرىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشىدىكى ئامىللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە سۈرىيە ئارمىيىسىگە قورال سېتىپ كەلدى، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرى، سۈرىيە ئارمىيىسىنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن داۋاملىق تەمىنلەش. ئاندىن يېقىندا تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ئۈچ دۆلەت بىرلىشىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈستىدە كېلىشتى، ئەگەر خىتايمۇ بۇنىڭغا قېتىلغان تەقدىردە، بۇلار ئۆزلىرى سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغاندەك بىر ئىشارەت بار. شۇڭا خىتاينىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەل بولغان تەقدىردە ئۇ يەردىكى ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقا قارىتا بىر نىشانىمۇ بار، دەپ ئويلايمەن.»

يېقىندىن بۇيان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە بېرىپ، «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى ھەققىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلار مەۋجۇت. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتلىرىدا خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ئۆلكىلەر ۋە ئۇ يەردىن تايلاند، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى سۈرىيەگە بېرىپ جىھاد قىلىش، دەپ كۆرسىتىپ كەلدى. بىراق يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «يېڭى ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتى» مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتناشقان ئالاھازەل 114 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزلىرىگە چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەن كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى جىھادچىلىق بىلەن ئالاقىسى بولۇپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئەينى چاغدا مەزكۇر دوكلاتنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىنى تېررورلۇققا ئىككى خىل ئۆلچەم قويدى، دەپ ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەۋىسكى بۈگۈن ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە بىلدۈرگەن ئىپادىسىدە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» غا قاتنىشىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان سەۋەبلەر بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ خەلقئارادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر دېموكراتىيە ھەرىكىتىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى داۋام قىلىشى زۆرۈر بولغان ھەل قىلغۇچ بىر ۋاقىت. ئەگەر ھۆكۈمەتلەر خىتايغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەشتىن ئۆزىنى ئەپ قاچسا، ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىقتىن توسۇپ تۇرغان ئامىللارنىڭ بىرى بولغان ئۈمىد مەنبەسى كېسىلىشى مۇمكىن. ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكا چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگە ھوشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا، ھازىر سۈرىيەنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلەن رۇسىيە باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەر ئۆز-ئارا كۈچ سىنىشىدىغان بىر جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، شۇڭا ئۇ يەردىكى تەشكىلاتلارغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا قانداق باھا بېرىشنىڭمۇ ئاقىۋەتتە مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىختىيارىدا قالغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىغا ئوخشاش ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ياقىلىغۇچى تەشكىلاتلار ئىلگىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تېررورلۇق دەپ ئېلان قىلسىمۇ، ئەمما مۇستەقىل كىشى ۋە ئورگانلارنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەرنى تېررورلۇق دېيىشىنى قوللاش ئىنتايىن قېيىن» دېگەن ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/suriye-xitay-08172016144851.html

Share
1717 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.