logo

trugen jacn

خىتاي سودىگەرنىڭ قاغىلىق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى شىكايىتى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرى تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقنى قوزغىشىدىن ئەنسىرەيمەن

2007-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن قاغىلىققا كېلىپ شىركەت ئاچقان بىر خىتاي سودىگەر، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان قاغىلىقتا بارغانچە كۈچەيگەن مۇقىملىق تەدبىرلىرىدىن ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى. سۆھبىتىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ئۇ نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبلىك قارىماققا ۋەزىيەت تىنچتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقنى قوزغىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2007-يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ قاغىلىقتا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي سودىگەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسى، دۆلەت تىلى نامىدا مائارىپنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى، مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن سىرتلارغا چىقىپ ئەركىن ئىشلىشىنى چەكلەش ۋە ئىدىيىۋى تەربىيە نامىدا سىياسىي ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاش، ھەممە جايغا كۆزىتىش كامېرالىرىنى ئورنىتىش، ساقچىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش قاتارلىق مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشتە ئۈنۈمى بولۇۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل قاتتىق سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى بارغانچە ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مۇخبىر: سىزنىڭچە، نۆۋەتتە قاغىلىقتا دىنىي كەيپىيات قويۇقمۇ؟

خىتاي سودىگەر:‏ ھۆكۈمەت بۇلتۇردىن باشلاپ بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى يەنى دىنىي ئېتىقاد مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تۇتتى. ئەمما، بۇنىڭ چوڭ ئۈنۈمى بولمىدى دەپ قارايمەن. بىلىشىمچە، بۇ يىل رامزان مەزگىلىدە يەنىلا %90 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر يەنىلا(مەخپىي) روزا تۇتتى.

مۇخبىر: ‏شۇنداقمۇ؟ 90% تىن ئارتۇق ئادەم روزا تۇتقان بولسا، مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارچۇ؟ ئۇيغۇرلار ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان دۆلەت تىلى مائارىپىغا قانداق ئىنكاستا؟

خىتاي سودىگەر:‏ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى تازا بىلمەيدىكەنمەن. ئەمما، ھازىر دۆلەت تىلى مائارىپى بالىلاردىن باشلاپلا يۈرگۈزۈلۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر: ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكلىرى ئىشلىتىلمەيدىكەن، دۆلەت تىلى نامىدىكى خىتايچە دەرسلىكلەر ئىشلىتىلىدىكەن. يەرلىكتىكى ئىنكاسلاردىن بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنىڭغا نارازى بولغانلىقى مەلۇم. سىزدىن بۇ ئەھۋالنى بىلىپ باقاي دېگەن.

خىتاي سودىگەر: نارازىلىقى ئەلۋەتتە كۈچلۈك بولىدۇ-دە. سەن ئۇلاردىن مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز تىلىڭدىكى دەرسلىكنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلساڭ، نارازىلىق كەيپىياتىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ‏-دە.

مۇخبىر:‏ سىزنىڭچە، يەنى سىلەر خەن مىللىتىنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان بىر قىسىم تەدبىرلەردە رادىكاللىشىش كۈچلۈكمۇ؟ خىتاي سودىگەر:-ئەلۋەتتە مېنىڭچە، بىر قىسىم تەدبىرلەردە رادىكاللىق ئېغىر بولۇۋاتىدۇ.

مۇخبىر: بىز بەزى رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلەردىن ساقچىلار ۋە قوراللىق ئەسكەرلەرنىڭ كوچىلاردا قوراللىق پوستا تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. (خىتاينىڭ) ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇنىڭ پۇقرالارغا خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىش ئۈچۈن ئېلىنغان تەدبىر ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە. ئەمما، چەتئەل تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ كىشىلەردە قورقۇنچ تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. سىزنىڭچە قانداق؟

خىتاي سودىگەر: مېنىڭچە، بۇ خىل ئەھۋال يەرلىك ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ تۇيغۇسى قوزغايدۇ. ھېس قىلىشىمچە، نارازىلىق كەيپىياتى كۈچلۈك، دۈشمەنلىك نەزىرىنى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن كۆرۈش مۇمكىن، ئەمما، ئۇلار سىزگە بۇنى ئېيتمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ ۋە توپلىنىۋاتىدۇ، بۇ مېنى ئەنسىرىتىدۇ.

مۇخبىر: سىلەرگە ئوخشاش شىركەت ئاشقان كارخانىچىلار، بۇ تەدبىرلەرنىڭ تىجارىتىڭلاردىكى ئەكس تەسىرىنى ئىنكاس قىلمىدىڭلارمۇ؟ ھازىر بىر بەلۋاغ بىر يول ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى تەكىتلىنىۋاتىدىغۇ؟

خىتاي سودىگەر: ھەي نېمىسىنى دەيسىز؟ ھازىر يەرلىكنىڭ سىياسىتى ھەممىدە مۇقىملىقنى تەكىتلەش، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش. ئۇلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسىلە ئەمەس.

بۇ خىتاي سودىگەر ئەگەر يەرلىك دائىرىلەر ئۆز سىياسىتىدە يەنىلا مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشقۇرۇش، بويسۇندۇرۇش خاراكتېرىدىكى سىياسەتنى داۋاملاشتۇرسا، يېقىن كەلگۈسىدە 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل نارازىلىق ۋەقەسىدىنمۇ چوڭ بولغان يەنە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي سودىگەر: مېنىڭچە، دائىرىلەر ھازىر بۇ جايدا مۇقىملىقنى ساقلاشنى زىيادە تەكىتلىگەنلىكى سەۋەبلىك زىددىيەت بارغانچە ئۆتكۈرلەشكەن بىر ۋەزىيەتنى ئۆزى پەيدا قىلىۋاتىدۇ. مەن شىنجاڭغا كەلگىنىمگە 10 يىل بولاي دېدى. دەسلەپ كەلگەن چاغلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن. ئۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئازادە پاراڭلىشاتتۇق، پسىخىك جەھەتتىمۇ توسالغۇلار يوق ئىدى. ھازىر باشقىلار (ئۇيغۇرلارنى دېمەكچى) سەن بىلەن سۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، راست گېپىنى قىلمايدۇ!

ئۇ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتنى «يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش سىياسىتى» دەپ تەرىپلەپ، بۇ خىل سىياسەتنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى: «راستىنى ئېيتقاندا، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىل يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار زور كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەمما، مەن شۇنى ھېس قىلىمەنكى، ئۇيغۇرلاردىكى نارازىلىق كەيپىياتى ھازىر كۈچىيىۋاتىدۇ، ئۇلغىيىۋاتىدۇ. ئەمما، بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتى ھامان بىر كۈنى پارتلاش خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇلارغا قاراتقان باستۇرۇشۇڭ كۈچەيگەنسېرى، قارشىلىقمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. ھازىر ئەلۋەتتە كۆرۈنۈشتە بۇ خىل نارازىلىق ئاشكارا ئىپادىلەنمىدى. ئەمما كۆزىتىشىمچە، ھازىر ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل رادىكال قارشىلىق كەيپىياتى بارغانچە كۈچىيىۋاتىدۇ، ئەگەر، يەنە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق قارشىلىق يۈز بەرسە، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىنمۇ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن!»

مۇخبىر: ‏سىز ھازىر ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلامسىز؟

خىتاي سودىگەر: ئەلۋەتتە مەن ئۆزۈمنى يەنىلا بىخەتەر ھېس قىلىمەن. سەۋەبى مەن يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدىم. مەيلى شىركىتىمدە ئىشلەيدىغان ئىشچىلار بولسۇن ياكى باشقا ئۇيغۇرلار بولسۇن، مەن ئۇلار بىلەن دائىم مۇڭدىشىمەن، سىردىشىمەن. ئۇزۇن يىل بولدى، مېنىڭ ئۇلار بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى. شۇڭا مەن ئۇلاردىن خاتىرجەم.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، بۇ خىتاي سودىگەردىن ھازىر ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتكە قارىتا قانداق تەكلىپلىرى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىنى، ئۇيغۇرلارغا ئەركىن ياشاش پۇرسىتى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: ‏سىز بىر سودىگەر، كارخانىچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھۆكۈمەتكە قانداق تەكلىپ-تەلەپنى سۇنماقچى؟

خىتاي سودىگەر:‏ ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل قارشىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، مۇقىملىقنى تۇتۇشقىلا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىدى. ئۇيغۇرلار ئەركىن ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ئەركىن ئىشلىشىگە، خالىغان جايلارغا بېرىپ پۇل تېپىشىغا يول قويۇلمايۋاتىدۇ. بۇ خىل چەكلىمە پەقەت قاغىلىقتىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلدى. ھازىر مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىدا تۇرۇشى كېرەك دېگەن مۇقىملىق تەدبىرى يولغا قويۇلدى. بۇ سەۋەبتىن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا جايلارغا ئىشلەش ئۈچۈن بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، ھەتتا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆز يېزىدىن ئايرىلىپ ناھىيە تەۋەسىدىكى شىركەت-زاۋۇتلارغا كېلىپ ئىشلىشىگىمۇ رۇخسەت قىلىنمايدۇ. شۇڭا ھازىر بىزگە ئوخشاش شىركەت ئاچقانلارمۇ يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىشلىتىشكە ئامالسىز قېلىۋاتىمىز. ئىدىيىسىدە مەسىلە بار دېگەن باھانىدە ئۇيغۇرلار ھەر خىل ناملاردىكى تەربىيىلەش ئورۇنلىرىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلىۋاتىدۇ. قاغىلىقتا ھازىر تۆتتىن بىر قىسىم ئۇيغۇر تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە ئىدىيىۋى تەربىيە باھانىسىدە تۇتقۇندا، مېنىڭ شىركىتىمدىنمۇ 4 ئۇيغۇر ئۇ جايغا ئاپىرىۋېتىلدى. ئۇلار ناھايىتى ياۋاش ياخشى كىشىلەر ئىدى. مېنىڭچە، بۇ ئەھۋال ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. ئەگەر دېھقانلارنىڭ قولىدا پۇل بولسا، ئۇلار پۇل تاپالىغان بولسا، ئۇلارنىڭ سىرتلارغا بېرىش ئەركىن ئىشلىشىگە، پۇل تېپىپ باياشات ياشىشىغا رۇخسەت قىلىنغان بولسا، ئۇلاردا بۇ خىل رادىكاللىق ئىدىيىسى بولمىغان بولاتتى. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، مېڭىشقا بولمايدىغان بۇ يولنى تاللىمىغان بولاتتى. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن كەڭرى سىياسەت يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنى ئايلاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكى، نۆۋەتتە خەلقئارا تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردا، رايوندا ساقچى ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ بارغانچە كۆپەيتىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسا، رويتېرس، نيۇيورك ۋاقتى قاتارلىقلاردا خەلقئارادا تونۇلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى باھاسى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلات-باياناتلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «ساقچىلار دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى» تەكىتلەنگەن ئىدى.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېقىنقى خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ يەنە كۆپەيتىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «بىخەتەرلىك خادىملىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 80 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىغا ئېلان چىقارغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-sodigerning-shikayiti-4-08252017172517.html

Share
1583 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.