logo

trugen jacn

خىتاي ساقچى باشلىقى ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتى سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋېتىلگەن

047bffc6-7d15-4597-9418-355aa93c7762
شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى تۈنۈگۈن پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا 29‏-ماي ۋەقەسىنى سادىر قىلغان 4 گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر تېررورلۇق شايكىسى ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان؛ ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار باشقا مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خوڭجاڭ بولۇپ، ئۇ مىشا يېزىسىدا يېقىندا قۇرۇلغان بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە ئۇيغۇر پىدائىيلار لى خوڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-olturulgen-07082014153646.html

Share
1798 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.