ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن بىرى تۈنۈگۈن پەيزىۋاتنىڭ مىشا يېزىسىدا 29-ماي ۋەقەسىنى سادىر قىلغان 4 گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ۋەقە يۈز بېرىپ بىر ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ خەۋەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بىر تېررورلۇق شايكىسى ئىكەنلىكى ۋە ۋەقەدە بىر نەپەر ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان؛ ئەمما ۋەقەگە ئالاقىدار باشقا مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى
مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگۈچى قەشقەر ۋىلايەتلىك قاتناش ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى خوڭجاڭ بولۇپ، ئۇ مىشا يېزىسىدا يېقىندا قۇرۇلغان بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقان ئىكەن. ئاشكارىلىنىشىچە ئۇيغۇر پىدائىيلار لى خوڭجاڭنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن جەسىتىنى مىشانىڭ تۆۋەن تارىشا كەنتىدىكى ئورپا سۇ ئامبىرىغا تاشلىۋەتكەن
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-olturulgen-07082014153646.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER