logo

trugen jacn

خىتاي ساقچىلىرى شېنياڭ شەھىرىدە 3 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شېنياڭ شەھىرىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر خىتاي ئالاھىدە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

شۇ كۈنى شېنياڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 26-نومۇرلۇق قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىپ، مەزكۇر ۋەقەنى ئىچكى جەھەتتە ئۆلكىلىك ۋە مەركەزدىكى خىتاي خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا دوكلات قىلغان.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاشكارا بولغان مەزكۇر ھۆججەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شېنياڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى 13-ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن شېنخې ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنى ئۆيمۇ-ئۆي تىنتىپ، ئۆي ئىجارە ئالغان ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن.

قىزىل باشلىق ھۆججەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 12-كۈنى خىتاي ساقچىلىرى شېنياڭ شەھىرىدىن «ھىجرەت ۋە تېررورلۇق دېلوسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ گۇمان قىلغان 16 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغان. شېنياڭ شەھىرىدىكى بۇ قېتىملىق ئۆي ئاختۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى ئاتالمىش «12-ئىيۇن ھىجرەت دېلوسى» نىڭ داۋامى ئىكەن.

ئۆي ئاختۇرۇش داۋامىدا خىتاي ساقچىلىرى شېنياڭ شەھىرىنىڭ شېنخې رايونى 86-نومۇرلۇق ئاھالىلەر ئولتۇراق ھويلىسىدىكى 7 قەۋەتلىك بىر بىنادىن 3 ئەر، 1 ئايال ۋە 3 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى بايقىغان. خىتاي ساقچىلىرى مەزكۇر ئىجارە ئۆيگە بېسىپ كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، ئالاھىدە ساقچى ئەترىتىنى چاقىرغان.

200 نەپەردىن ئارتۇق خىتاي ئالاھىدە قوراللىق قىسمى دەرھال يېتىپ كېلىپ، نەق مەيداننى قورشاۋغا ئالغان. ساقچى ئىدارىسى چىقارغان ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «باشلىرىغا قارا نىقاب كىيگەن 4 نەپەر تېررورچى قولىدىكى ئۇزۇن پىچاقلىرىنى شىلتىپ، غازات شوئارى توۋلاپ ساقچىلارنى چاناشقا ئۇرۇندى.»

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالاھىدە ساقچىلىرى مەزكۇر ئاھالىلەر بىناسىنى چەمبەرچاس قورشاۋغا ئېلىپ، بىنادىكى باشقا خىتايلارنى تارقاقلاشتۇرغان. ئاندىن كران شوتىسى ئارقىلىق بىنا ئىچىگە كىرىپ، 4 نەپەر ئۇيغۇرنى ئوققا تۇتۇشقا ھازىرلانغان.

خىتاي مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىنادىكى ئۇيغۇرلار ئىگىزدىن قايناقسۇ تۆكۈپ بىرقانچە خىتاي ساقچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى مەلۇم. ساقچىلارنىڭ ئۆي ئىچىگە قالايمىقان ئاتقان ئوقىدا 3 نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا ئۆلگەن. ئامانگۈل مەتتۇرسۇن ئىسىملىك 28 ياشلىق ئۇيغۇر ئايال ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. خىتاي مەنبەلىرى مەزكۇر ئۆيدىكى 3 بالىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكى ياكى يارىلانغان ۋە يارىلانمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

خىتاي مەنبەلىرى ئېغىر يارىلانغان ئامانگۈل مەتتۇرسۇننىڭ خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يۇرتى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

رادىئويىمىزنىڭ گۋاڭدۇڭ بۆلۈمى بۇ ھەقتە ئۈرۇمچىدە ياشايدىغان خەن فامىلىلىك بىر خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ «بۇنىڭدىن 70-80 يىللار ئىلگىرىكى كوممۇنىستلار ماركسىزملىق ئېتىقادى ئۈچۈن جېنىنى بېرىشتىن يانمايتتى. ھازىر ئىش تېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرمۇ ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن ھېچنېمىدىن يانمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ھەرىكىتىنى ھەققانىي دەپ بىلىدۇ» دېگەن.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەمدە تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/shenyang-uyghur-07142015143625.html

Share
1487 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.