logo

trugen jacn

خىتاي ساقچىلىرى ئاقسۇدا بىر ئوقۇتقۇچىنى ئېتىۋېتىپ ۋەقەنى «تاسادىپىي قازا» دەپ بېكىتكەن

201507220244china2

ئۆتكەن يىلى خىتاي ساقچىلىرى ئاقسۇدا بىر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى ئېتىۋېتىپ ئۇنىڭغا «تاسادىپىي قازا» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن، بۇنىڭدىن نارازى بولغان ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ئادالەت تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلىشنى باشلىغان.

ۋەقەدە قازا قىلغۇچى ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېت ئوقۇتقۇچىسى لى ۋەنجيې بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى 8 – ئىيۇل ئاقسۇ ئاۋاتتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پىئانىنو مۇسابىقىسىنى تۈگىتىپ، 8 ياشلىق قىزى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىگە قايتىشىدا ئاۋات ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن

201507220217china1

لى ۋېنجيېنىڭ ئېرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئاۋات ساقچىلىرى قۇرغان تەكشۈرۈش پونكىتىغا كەلگەندە توختىماي ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن.

ئوق ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان قىزنىڭ مەڭزىنى قىرىپ ئۆتۈپ، ئايالىنىڭ ئارقا مېڭىسىگە تەگكەن ۋە ئۇنىڭ جېنىنى ئالغان.

ھالبۇكى، خىتاي قانۇن ساقچىلىرى ۋەقەنى «مىلتىق تاسادىپىي ئېتىلىپ كېتىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان»، «خىزمەت ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى» دەپ بېكىتكەن.

ئۆلگۈچىنىڭ ئېرى جاڭ جېنخەي بىر يىلدىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا بېرىپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ نەتىجە قازىنالمىغان

201507220217china2

ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاقسۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كەيپىياتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ «مىڭنى خاتا ئۆلتۈرسەك ئولتۇرىمىزكى، بىرنىمۇ قاچۇرۇۋەتمەيمىز» دەيدىغان زېھنىيەت بىلەن سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

خىتاي ساقچىلىرى ئۆتكەن يىلى ئاپرېلدا كەلپىندىكى بىر قىزىل چىراغدىن موتوسىكلىتلىق ئۆتۈپ كەتكەن ئابدۇلباسىتنى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ ئېتىۋەتكەن. كېيىن ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ كەتكەن ۋە ئېغزىنى يۇمۇش ھەققىدە تەھدىت سالغان ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tasadipiy-qaza-07222015220258.html

Share
1486 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.