logo

trugen jacn

خىتاي زىندانلىرىدا شېھىد قىلىنغان يەنەبىر ئالىم ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام

ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام خوتەننىڭ مەشھۇر ئىسلاھاتچى ئالىملىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىمنىڭ ئوغلى بولۇپ، 1970- يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد قۇربان داموللا ھاجىممۇ 5 يىللىق ھاياتىنى خىتاي زىندانلىرىدا ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كېلىپلا دىنىي خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن ھەمدە مەشھۇر نۇرلۇق مەسجىدىنى بىنا قىلىشقا زور كۈچ چىقارغان، شۇنداقلا شۇ مەسجىدنىڭ ئۆزىدە ئىمام-خاتىپلىق قىلىش ۋە تالىپلارغا دەرس ئۆتۈش بىلەن ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن بۈيۈك ئالىم ئىدى.

ئابدۇلھەكىم داموللام دادىسىدا ئوقۇپ دىنىي ئالىم بولغان ھەمدە دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نۇرلۇق مەسجىدكە دادىسىنىڭ ئورنىغا ئىزباسار بولۇپ خاتىپلىققا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەسجىدتە تەخمىنەن بىر يىلغا يېقىن خاتىپلىق قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مەسجىدنىڭ جامائىتى بەك كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇنىڭ خۇتبىلىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. داموللام مەسجىدتە ئوقۇغان خۇتبىلىرى سەۋەبلىك دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دىگەن تۆھمەت بىلەن 1999- يىلى 11-ئاينىڭ15-كۈنى 29 يېشىدا تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق 4- تۈرمىگە قامىلىپ، 15 يىللىق ياشلىق ھاياتىنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن. 2014- 11-ئاينىڭ 15-كغنى يىلى 15 يىلنى تولۇق توشقۇزۇپ، 44 يېشىدا زىنداندىن چىققان بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى بارلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشاشلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا ئۆيىدە نەزەربەنت قىلىنىپ، 2017- يىلىغىچە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغان. 2017- يىلى 7- ئايدا مىليونلارچە بىگۇناھ ئىنسانلار لاگېرلارغا قامالغان ۋاقىتتا ئابدۇلھەكىم داموللاممۇ قايتا تۇتۇپ كېتىلگەن ھەمدە لاگېرغا ئەۋەتىلمەستىن، بىۋاسىتە تۈرمىگە قامالغان ۋە يەنە ھېچقانداق جىنايەتسىز ھالەتتە 10 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

بۇ يىل رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى داموللامنىڭ تۈرمىدە شېھىد قىلىنغانلىق خەۋىرى تارقالغان بولسىمۇ، ئىشەنچلىك مەنبە ياكى ئائىلىسىدىن بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولمىغان ئىدى. 2019- يىلى 28- ئىيۇن ئابدۇلھەكىم داموللامنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئوغلى ۋە باشقا تۇققانلىرى ئارقىلىق بۇ شۇم خەۋەرنىڭ راستلىقى، داموللامنىڭ 49 يېشىدا خىتاي زىندانلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېنىقلاندى. ئابدۇلھەكىم مۇھەممەد قۇربان داموللام ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان قەھرىمان مۇجاھىد ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ مەرھۇمغا شېھىدلىق ماقامىنى بەرسۇن! گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلسۇن! جەننەتۇلفىردەۋستىن ئورۇن بەرسۇن!

http://turkistantimes.com/uy/news-10911.html

Share
5059 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.