logo

trugen jacn

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىن پرېزىدېنتىغا تەھدىت سالغان

 

فىلىپپىن پرېزىدېنتى دېتورتې خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، ئەگەر فىلىپپىن خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىنى باشقۇرۇشقا  كىرىشسە ۋە نېفىت قېزىشقا باشلىسا ئۇرۇش پارتلايدۇ، دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، دېتورتې بۇ مەسىلىنى  15‏-ماي شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېتورتې بېيجىڭدا چاقىرىلغان14 ‏- ۋە  15‏-ماي كۈنلىرىدىكى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان ئىدى. دېتورتېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا «بىز سېنىڭ بىلەن غەۋغا قىلىشنى خالىمايمىز، بىز ئىللىق دوستلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى خالايمىز. بىراق سەن بۇنىڭدا قاتتىق تۇرساڭ، بىز ئۇرۇشقا كىرىمىز» دېگەن.

دېتورتېنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇ شى جىنپىڭغا فىلىپپىننىڭ بۇ رايوندا نېفىت قېزىشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، بۇ ئاراللار فىلىپپىننىڭ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، دېتورتې «مەن نېفىت قېزىشقا ھەقلىق. چۈنكى، ئۇ بىزنىڭ» دېگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا سوت 2015‏-يىلى ھۆكۈم چىقىرىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا تارىخىي ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى رەت قىلغان.

بىراق، دېتورتې ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭغا قايىللىقىنى، فىلىپپىن-خىتاي  مۇناسىۋېتىنى كۈچەيتىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينى خەلقئارا سوتنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىشقا بەك قىستاپ كەتمىگەن. ئەمما خىتاي بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ  سۇ 30-تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىز خەلقئارا ھاۋا ساھەسىدە ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز رادىئاتسىيە تەكشۈرۈش ئايروپىلانىغا كاشىلا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيە ئۇرۇش ئايروپىلانى ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ھاۋا ساھەسىگە كىرگەن بىر خىتاي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى توسىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xi-jinping-filippin-05192017161124.html

Share
853 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.