logo

trugen jacn

خىتاي رازۋېدچىكلىرى كەنت ئامانلىق مۇدىرى غايىب ئىمىن مەمتىمىن دېلوسىنى تېخىچە پاش قىلالمىغان

9fc3f7d7-0e83-4e7f-b2eb-5eaf824d9158

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خوتەن ناھىيە باغچە بازىرىنىڭ سادىقئاۋات كەنتىدە بىر ساقچى خادىمىنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

رادىئويىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننىڭ 9-مارت كۈنىدىن ئېتىبارەن غايىبلىقى ۋە دېلونى پاش قىلىش ئۈچۈن خوتەندە كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشقان ئىدى.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن مەزكۇر تەۋەلىككە قايتا تېلېفون قىلىپ دېلونىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاب بەرگەن باغچە بازارلىق ساقچىخانا ۋە ئورمان ساقچىخانا خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 3 ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، رازۋېدچىكلارنىڭ دېلونى تېخىچە پاش قىلالمىغانلىقىنى، غايىب ئىمىن مەمتىمىن ۋە ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ قاچقان گۇماندارلاردىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى

http://www.uyghurnet.org/ug/wp-admin/post-new.php

Share
1393 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.