logo

trugen jacn

خىتاي دولقۇن ئەيسانىڭ مەككىدىكى يىغىنغا قاتنىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن

40222ba0-c754-4969-84a7-67f676d5eac6

ئەركىن تارىم

2015-u0227-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەككىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن «رابىتۇل ئالەمىن ئىسلام»، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن ئىتىبارەن سەئۇدى ئىستىخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن تەقىپكە ئۇچرىغان. سەئۇدى ئەرەبىستان تېلېفون شىركىتى دولقۇن ئەيسانىڭ تېلېفون نۇمۇرىنى، ئىنتېرنېت ئىشلىتىشىنى بىكار قىلغان، سەئۇدى ئىستىخبارات خادىملىرى 24 سائەت دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىدىكى ئۆينىڭ ئالدىدا پوستا تۇرغان.

بۇ ئىشلاردىن بىئارام بولغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئەھۋالنى دەرھال گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن گېرمانىيە كونسولخانىسىغا بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 27 – فېۋرال ئەتىگەن سەئۇدى ئەرەبىستان جاسۇسلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدا جىددە ئايرودرومىدىن ئايرىلغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ، ئۆزىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى تەختكە چىققان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلەزىز ئەلسۇئۇدىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھرىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا قاتناشقانلىقىنى، يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا خىتاينىڭ مەككىدە تۇرۇشلۇق باش كونسولى ئەنىۋەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۆزىنى بىئارام قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيىتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ د ئۇ ق نامىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورىنى پاش قىلىش ئۈچۈن بارغانلىقىنى، ئەپسۇسكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نومۇس قىلماستىن ئۆزىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەپ سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشنىڭ ھەقلىق دەۋا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيىتتى.

مەزكۇر يىغىن 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىن 24 – كۈنىگىچە مەككىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا 80 دۆلەتتىن كەلگەن ئىسلام ئۆلىمالىرى، مۇتەخەسسىسلەر، تەتقىقاتچىلار، ئالىملار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 400 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى، قازاقىستاندىن شىرئەلى ئەپەندى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مەمەت يۈسۈپ ئەپەندى، فىنلاندىيەدىن مەمەتئەلى ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئابدۇسالام ئەپەندىلەر قاتناشقان.

ئۇيغۇر ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا سۆز قىلىپ، ۋەكىللەرگە ئۇيغۇرلار ھازىر دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي بېسىملار ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي، سىياسىي تېررورلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. بۇلاردىن سىرت، يىغىن ئەھلىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان خىتاينىڭ 2014 – يىللىق ئىنسان ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەققىدىكى دوكلاتنى تارقىتىپ بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۇ يىغىندا كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2003 – يىلى 12 – ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ھازىرغىچە كورىيە، تەيۋەن، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنى ئايرودرومىدىن قايتۇرۇۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا ئىككى يىل بۇرۇن دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى چېگرىدىن كىرگۈزۈشكە باشلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/dolqun-eysa-mekke-02272015212115.html

Share
2058 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.