logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى خوتەندىن 38 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

 

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن خوتەن گېزىتى 9-ماي كۈنى خەۋەر بېرىپ، خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 38 مىڭ كىشىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، بۇلارنىڭ بىرقانچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ يولغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

خەۋەردە يەنە، جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەشقەر ۋە خوتەننى مەركەز قىلىپ، كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن 100 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئەمەلىيلىشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى 2004-يىلى باشلىغان بولۇپ، 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نارازىلىق نامايىشى» غا شۇ يىلى 26-ئىيۇن خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شاۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئىشچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش، يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەسى سەۋەب بولغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە يۆتكىلىشىنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى نامراتلىقنى يۆلەش، يېزىلاردا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئەھۋالنى، رايوندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىۋېتىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ يۆتكەش، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يۇقىرى مائاشلىق ئىش پۇرسەتلىرىنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇش سىياسىتى دەپ تەنقىدلەپ كەلمەكتە

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitaygha-yotkesh-05092017171329.html

Share
1020 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.