logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى «تېررورلۇق» ۋە «ھىجرەت» نى پاش قىلغانلارغا مىليونلاپ پۇل بەرمەكچى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا «خوتەن گېزىتى» دە «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى» نى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭدا ئاتالمىش «تېررورچى» لارنى تۇتقان، بويسۇندۇرغان، ھەتتا ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى. ئەمما ئۇقتۇرۇشتا مۇكاپات سوممىسى ئېلان قىلىنمىغان ئىدى. بۈگۈن ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر يېقىندا خوتەننىڭ گۇما ناھىيەسىدە «زوراۋانلىق-تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتلەرنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى» ناملىق بىر ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى 5 مىليون سوم، ھىجرەتكە ئائىت يىپ ئۇچى تەمىنلىگەنلەرنى 2 مىليون سوم بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

«خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بويىچە مۇكاپاتلاش چارىسى» ناملىق ئۇقتۇرۇشتا، ئاتالمىش «تېررورلۇق» نى باستۇرۇشتا ماسلاشقان ئاممىنى مۇكاپاتلايدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ۋىلايەت مالىيەسىدىن 100 مىليون يۈەن ئايرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى كونكىرتلاشتۇرىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بىز بۇنىڭغا ئاساسەن ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ، مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق.
بەزى ساقچىخانا خادىملىرى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرسە، بەزىلىرى ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى بارلىقى، ئەمما كونكرېت نەزمۇنىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

قاراقاش ئاقساراي ساقچىخانىسىنىڭ قوغداش خادىمى، ساقچىخانا دەرۋازىسىغا چاپلانغان مۇكاپاتلاش ئۆچىمى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تەپسىلىي ئوقۇپ بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇقتۇرۇنىڭ بىرىنچى ماددىسىدا ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنىڭ 3 مىليون يۆەن بىلەن 5 مىليون ئارىسىدا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. يەنە بىر ماددسىسىدا، ھىجرەتكە تەييارلىنىۋاتقانلار ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 2 مىليون بىلەن 3 مىليون ئارىسىدا مۇكاپات بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى جەمئىي 19 ماددىدىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن مىقداردىكى مۇكاپات 2000 يۈەن بولۇپ، بۇ نىقابلانغان كىيىم كىيگەنلەر ۋە ساقال قويغانلار ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرگەنلەرگە بېرىلىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «تېررورچى» لارنى يوقىتىشتا يەنە ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقىلى خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇكاپاتلاش تۈزۈمى بۇ قەدەر سىستېمىلىق، كونكىرت ۋە يۇقۇرى سوممىلىق قىلىنغان ئەمەس. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇ مۇكاپاتلاش تۈزۈمىنى خىتاينىڭ ئەسكەرىي كۈچىنىڭ رايوندىكى قارشىلىق ھەركەتلىرىنى بېسىقتۇرۇشتا كارغا كەلمىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېرورلۇق» قا قارشى ھەركىتىدە يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئاكتىپ ۋە چىن دىلىدىن ماسلاشمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/terror-mukapat-12142017145110.html

Share
1489 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.