logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ۋەتەندىشى ئابدۇللاجاننىڭ جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرۇشنى رەت قىلغان

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى 21 ياشلىق ئۇيغۇر يىگىت ئابدۇللاجان گۋاڭشىنىڭ پىڭشياڭ تۈرمىسىدە سىرلىق ھالدا قازا قىلغاندىن كېيىن، تۈرمە دائىرىلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى تۇغقانلىرىغا بېرىشنى رەت قىلغان.

ئىگىلىشىمىزچە، 9-ئۆكتەبىر كۈنى ئابدۇللاجاننىڭ يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى گۋاڭشى ئۆلكىسىدىن كەلگەن بىر جىددىي تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇنىڭدا 9 ئايدىن بۇيان پىڭشياڭ تۈرمىسىگە قامالغان ياش ئابدۇللاجاننىڭ تۇيۇقسىز كېسەللىك سەۋەبى بىلەن قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

مەرھۇم ئابۇللاجاننىڭ تۈركىيەدە ئولتۇرۇشلۇق دادىسى ئابدۇلمەننان قارى بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، پىڭشياڭدىكى تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تۇغقانلىرىغا قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 4 كىشى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، مەرھۇم ئابدۇللاجاننىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن گۋاڭشىغا بارغان. ئەپسۇسكى، پىڭشياڭ شەھەرلىك تۈرمە دائىرىلىرى ئابدۇللاجاننىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇشنى رەت قىلغان.

تۈرمە دائىرىلىرى ئۇلارغا: «پىڭشياڭ شەھىرى ۋىيېتنام چېگراسىغا جايلاشقان سەزگۈر رايون. شۇ سەۋەبتىن بۇ يەردىن ھەرقانداق نەرسىنى، بولۇپمۇ جەسەتنى يۆتكەپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەن.

تۈرمە تەرەپ يەنە، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن يەرلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن 125 مىڭ سوم، مېيىتنى دەپن قىلىش ھەققى ئۈچۈن 25 مىڭ سوم بولۇپ جەمئىي 150 مىڭ سوم پۇل تۆلەشنى ئېيتقان.

مەرھۇم ئابدۇللاجاننىڭ تۇغقانلىرى بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ تۈرمە دائىرىلىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىشقان. ئۇلار دائىرىلەرگە مۇنداق دېگەن: «بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى چەتئەلدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەرھۇم ئابدۇللاجانمۇ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن كىشى. ئۇنىڭ يەرلىكى ئۈچۈن بىز پۇل تۆلىيەلمەيمىز. بولمىسا، مېيىتنى بىزگە قايتۇرۇڭلار، يۇرتىمىزغا ئاپىرىپ ئۆز قائىدىمىز بويىچە يەرلىككە قويىمىز.»

تۈرمە دائىرىلىرى ئاخىرىدا مەرھۇم ئابدۇللاجاننىڭ يەرلىكى ۋە ئۇنى دەپن قىلىش ھەققى ئۈچۈن پۇل ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋەھالەنكى، مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئۆلۈم سەۋەبى ۋە جەسەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىق ھەققىدە شەرت قويغان.

ئامالسىز قالغان ئۇرۇق-تۇغقانلار ئاخىرىدا تۈرمە دائىرىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئابدۇللاجاننىڭ مېيىت نامىزىنى پىڭشياڭدىكى تۇڭگانلار مەسچىتىدە چۈشۈرۈپ، شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپن قىلغان.

مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدىكى دادىسى ئابدۇلمەننان قارى زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئوغلۇمنىڭ جەسىتى شۇنداق قىلىپ پىڭشياڭدىكى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپن قىلىنىپتۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلار مېيىتنى سۇغا ئېلىش جەريانىدا بەدىنىنى تەكشۈرۈپ كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما بۇ ھەقتە تېلېفوندا ماڭا ھېچنېمە دېيەلمىدى. مېنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىمغىمۇ جاۋاب بەرمىدى. مەن ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا تېلېفوندا بۇ توغرىلىق گەپ قىلىشتىن قورقۇۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ تۇردۇم.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
«ئوغلۇم 3 ياش ۋاقتىدا ۋەتەندە قەپ قالغان. 18 يىلدىن كېيىن يىگىت بولۇپ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتكەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە جۇدا بولدۇق. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلۇم خانوي خەلقئارا ئايرودرومىدا ۋىيېتنام ساقچىلىرى تەرىپىدىن گۇمان بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىكەن. 9 ئايدىن بۇيان پىڭشياڭ تۈرمىسىدە قاماقتا ياتتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بۇ ھەقتە كۆپ قېتىم ئەرز يېزىپ ئەھۋالنى دېگەن بولساقمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى. مانا، تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئۆتۈپ بولغان بالام خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلدى. تىرىكىدە ھېچكىم ئىگە بولمىغان تۇرسا، ئۆلگەندە كىم ئىگە چىقاتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turk-abdullajan-10302014133135.html

Share
2026 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.