logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى توردا «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش» جىنايىتىدىن 10 دېلونى ئېلان قىلدى

 

يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئەقلىيفون، خاتىرە كومپيۇتېرى، ئايپەد ۋە باشقا ئېلېكترونلۇق ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتېرنېت-ئۇچۇر ئىشخانىسى «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان» 10 دېلونى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر 10 دېلو ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق، زوراۋانلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە دائىر «قانۇنسىز ئۇچۇر» لارنى تارقاتقان كىشىلەرنىڭ دېلوسى ئىكەن.

مەزكۇر 10 دېلونىڭ ئىچىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندار «تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك» كە دائىر ئۇچۇر تارقاتقانلىقى، 4 نەپەر خىتاي گۇماندار «ئۆسەك سۆز تارقىتىپ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى» 1 نەپەر موڭغۇل گۇماندار توردا «مىللىي ئۆچمەنلىك» نى تەرغىب قىلغانلىقى، 1 نەپەر قازاق گۇماندار ئۈندىداردا ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارشى سۆز قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئىكەن.

خەۋەردە يۇقىرىقى 10 دېلو ئالاھىدە پەش قىلىنىپ، توردىن پايدىلىنىپ «قانۇنسىز ئۇچۇر» تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور قامىلىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچەيتىلگەنلىكىنى، ئۈندىدار توپىغا چەتئەللەردىن قوشۇلغان ئەزالارنىڭ بىردەك ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qanunsiz-uchur-07032017140316.html

Share
522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.