logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى رېستورانلارنىڭ «مۇسۇلمانچە» بەلگىسى ئېسىشىنى چەكلىدى

 

خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدىكى رېستورانلارنىڭ رۇخسەتسىز ئېسىلغان بارلىق «مۇسۇلمانچە» بەلگىلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇغان.

خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشى «دىنىي بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى قائىدىلەشتۈرۈپ، ساختا ھالال يېمەكلىكلەرنى توسۇش، ھەقىقىي ھالال يېمەكلىكلەرنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان » ئىكەن. بىراق «ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتى سەيشەنبە كۈنى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇ ئۇقتۇرۇش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدىكى دىنىي سىمۋوللارنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر رېستورانلاردىن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئۆلچىمىگە توشمىغان بارلىق «مۇسۇلمانچە» بەلگە ۋە خەتلەرنى ئېلىپ تاشلاشنى، بارلىق «مۇسۇلمانچە» بەلگىلەر خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئالاقىدار ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «ھالال بەلگىلەر ئىسلام جەمئىيىتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ ۋە ھەر بىر بەلگىنىڭ نومۇرى بولىدۇ» دېيىلگەن. بۇ ئەمەلدارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پەقەت ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ئۆلچىمىگە توشقان رېستورانلارنىڭلا بۇ بەلگىنى ئېسىشىغا يول قويۇلىدىكەن.»

مەزكۇر بەلگىلىمە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي كىتاب، سىمۋوللارنى چەكلەپ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىش ۋە باشقا دىنى پائالىيەتلەرگە قاتتىق چەكلىمە قويغان، خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاپ، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنى يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە يىغىۋالغان بىر مەزگىلدە چىقىرىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زۆرۈر تەدبىرلەر، دەپ تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

Share
1257 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.