logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن

7427ea12154a16464eb514

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي-جايلىرىدا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى تۈگىتىش بويىچە ئاممىۋى نۇتۇق سۆزلەش، كۆرگەزمە ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىمەكتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى يوقىتىش بويىچە تەشۋىقىي تەربىيە كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى رايون ۋە مەھەللىرىدىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى مەزكۇر كۆرگەزمىگە چاقىرتىلىپ، ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى ۋەز-نەسىھەتكە سېلىنغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، غۇلجا، باي قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ مەھەللە باشقارمىلىرىدا تەشۋىقات خىزمىتى قىلىدىغان بىر قىسىم سىياسىي ئاكتىپلار مەخسۇس نۇتۇق سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە قارشى تەشۋىقاتقا سېلىنغان. بۇلاردىن غۇلجا ناھىيىسى چوڭكۆۋرۈك مەھەللە باشقارمىسى تەشۋىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى مېھرىنىسا تۇرسۇن بىلەن باي ناھىيىسى دوستلۇق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىجى قاتارلىقلارنىڭ نۇتۇقلىرى فېيسبۇكتا تارقالغان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرى «سىياسىي ئاشقۇنلۇق» پاتقىقىغا پېتىپ بارماقتا، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/diniy-esebilik-03302015150421.html

Share
1130 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.