logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىغا ئادۋوكاتلىق قىلغان قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ باشلىقىنى قولغا ئالغان

i.tohti konfrans veriyor

خىتاي دائىرىلىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلغان فېڭرۈي قانۇن مۇلازىمەت ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى قولغا ئالغان. خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» جۈمە كۈنى قانۇن ئورنىنىڭ باشلىقى جوۋ شىفېڭ قاتارلىق ئادۋوكاتلارنىڭ «جىنايىتى» نى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا مەزكۇر ئورۇننىڭ 9 نەپەر ئادۋوكاتى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار 4 ئادۋوكاتنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنى سوت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش، سوت قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

فېڭرۇي قانۇن مۇلازىمەت ئورنى ئىلگىرى ئاتاقلىق ئۆكتىچى زات ئىلھام توختى، گېرمانىيە «زامان» گېزىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ياردەمچى مۇخبىرى جاڭ مياۋ قاتارلىق سىياسىي سەزگۈرلۈكى كۈچلۈك دېلودا، ئۇلارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلاپ، غەرب ئەللىرى ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوراق قىلىنغان پائالىيەتچى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى 200 دىن ئېشىپ كەتكەن.

«خەلق گېزىتى» جۈمە كۈنكى خەۋىرىدە، فېڭرۈي قانۇن ئورنىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنى مەھكىمە سىرتىدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، سوتنىڭ ئەيىبلەنگۈچىلەرگە پايدىلىق قارار چىقىرىشىنى پىلانلاشقا ياردەم قىلغان،  دەپ ئەيىبلىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-07242015163518.html

Share
1187 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.