logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قازاقلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تۇرۇش ھەققىدە چىقارغان مەخسۇس ھۆججىتى

 

تۆۋەندىكىسى ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم بېرىش جەمئىيىتى» ناملىق بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىغان خەۋەر. مەزكۇر جەمئىيەت يېقىندىن بۇيان قازاقلارغا، بولۇپمۇ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆپلەپ بەرمەكتە. لېكىن، قازاقلاردىن نەچچە ھەسسە قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بەلكىم ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھۆججەت ۋە دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ سىرتقا ئاشكارىلانماسلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، قازاقلار دۇچ كەلگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن.
ئالتاي ۋىلايىتى قابا ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسى 6- ئاپرىل قىزىل باشلىق ھۆججەت(يۇقاردىكى رەسىم) چۈشۈرگەن بولۇپ، ھۆججەتتە يۇقىرىنىڭ يوليۇرۇقىغا ئاساسەن، ھەر قايسى دەرىجىلىك ئورۇنلار دەرھال قازاقلارنىڭ ئائىلىسىگە كىرىپ تۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاتالمىش ئىككىنى قاپلاش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان. 4- ئايدىن باشلاپ، مەمۇرلار ۋە ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى خادىملار ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، ھەر قېتىمدا 15 كۈندىن نۆۋەتلىشىپ قازاقلارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ دائىرىلىرى توردا ئۇچۇر يوللىغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىىش ۋەقەسىدىن توققۇزنى ئېلان قىلدى، بۇ دىلولاردا بەش نەپەر ئۇيغۇر ۋە بىر نەپەر ئۆزبەك ئەر جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان.
خىتاي كومپارتىيىسى قابا ناھىيەلىك كومىتېتى ئىشخانىسى 4- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشۈرگۈن ھۆججەتتە، قازاقلارغا مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە، بىرىنچىدىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار چوقۇم «ئىككىنى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلاش» خىزمىتىنى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ئەمىللەشتۈرۈش، بولۇپمۇ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامانلىقنى ساقلاش باش نىشانىنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش «مۇشتنى بىرلەشتۈرۈپ ئېتىش»نىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى سۈپىتىدە كۆرۈپ، «ئىككىنى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلاش» خىزمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىككىنچى، ھەر قايسى تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت يىغىنى روھىنى يەنە بىر قېتىم مەخسۇس ئۆگىنىپ، «خىزمەتنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش؛ ئۈچىنچى، تەشكىلات تارماقلىرى نازارەت قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئەمىللەشتۈرۈشتە سۇسلۇق قىلغان ئىدارە ۋە شەخسلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى لازىم.
يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ھۆججەتكە ئاساسلانغاندا، 4- ئايدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەر ئايدا «ئىككىنى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلاش» خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، يېرىم ئايدا بىر نۆۋەت ئالمىشىدۇ، %50 كىشى ئىدارىدە نورمال خىزمەت قىلىدۇ، %50 كىشى ئاساسىي قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ داۋاملىق ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدە ئۇدا 15 كۈن تۇرىدۇ. نۇقتىلىق ئائىلىلەردە بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» بويىچە تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر ئاساس قىلىنىدۇ، خاتىرجەم بولىدىغان ئائىىلىلەردە ئىككى كۈندىن ئاز تۇرماسلىق، ئادەتتىكى ئائىلىلەردە ئۈچ كۈندىن ئاز تۇرماسلىق، نۇقتىلىق ئائىلىلەردە بەش كۈندىن ئاز تۇرماسلىق، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەردە ھەر ئىككى ئايدا بەش كۈندىن كەم تۇرماسلىق ئاساسىي تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ  «ئىككىنى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلاش»نى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگان خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشقا بۇراش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
دائىرىلەر ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بارغان خادىملاردىن قازاقلارغا خىتاي تىلى ۋە يېزىقىنى ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: ئاممىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ھەر ئايدا 50 خىتايچە خەت، بەش جۈملە خىتايچە سۆز ئۆگىنىش. ھەر ئايدا بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوسلۇق پائالىيىتى تەشكىللەپ، «بەشنى تۇنۇش» تەربىيەسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، بېرىش – كېلىش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر تەمىنلىگەن باشقا بىر «خىزمەتنى ئەمىللەشتۈرۈش لايىھەسى»دە، دائىرىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرايدىغان «تۈركلىشىش»، «سەئۇدىلىشىش»، «ئەرەبلىشىش»، «مەسچىتلىشىش» قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش؛ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسى، قازاقىزم ئىدىيىسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن پەخەس بولۇشنى تەكىتلىگەن.
دائىرىلەر يەنە مەمۇرلاردىن قازاقلارنىڭ ئۆيىدە خىتايچە پاراڭلىشىش، قازاقلارغا «دۆلەت مارشى»، «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» قاتارلىق قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىشنى ئۆگىتىش؛ «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»نى پاش قىلىش، «ئون ئائىلە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش»، «ئون دۇكان بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ دائىرىلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پات – پات ئۇلارنىڭ يانفۇنلىرىنى تەكشۈرگەن. شىنجاڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ دۈشەنبە (9- ئاپرىل) ئېلان قىلىشىچە، ئاتۇش، كۇچا، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىن بەش نەپەر ئۇيغۇر ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇققا ئائىت سىن بويۇملىرىنى تارقىتىش، يانفۇنىدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىدىغان رەسىملەرنى ساقلاش قاتارلىقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ، جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. غۇلجا شەھىرىدىن بىر ئۆزبەك كىشى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان رەسىملەرنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈچ نەپەر خىتاي ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە سىياىسي سۆز – چۆچەك تارقىتىش ۋە قانۇنسىز يىغىلىش پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ مەمۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلغان

http://turkistantimes.com/uy/news-2770.html

Share
1690 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.