logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى مۇھاكىمە قىلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زورلۇق كۈچى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى خىتايدىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئالغان بىر پەيتتە، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا غايەت زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ «ساقچى دۆلىتى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەردىن جېيمىس لېيبولد ۋە ئادريان زېنز 14-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى جېيميىس تاۋن ۋەخپىنىڭ «خىتاي خەۋەرلىرى» سەھىپىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىدىن 90 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلىنغان، جامائەت خەۋپسىزلىك خامچوتى بولسا 356% ئاشقان. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېقىنقى يوليورۇقلىرىدا بولسا ئۇيغۇرلار دىيارى «خىتايدىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپى» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە ئىكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى ساقچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ھازىرمۇ جىددىي داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلماقتا ئىكەن. بۇ تەدبىرلەر گەرچە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن يولغا قويۇلماقتا» دېيىلسىمۇ، ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ئاخىرقى نىشان قىلغان ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/saqchi-doliti-03152017135354.html

Share
1122 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.