logo

trugen jacn

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى رەسمىي مۇزاكىرىگە قويدى

indir

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ رەسمىي مۇزاكىرىسىگە قويغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، قانۇن لايىھەسىدە بەزى رادىكال سۆز ۋە پىكىرلەرنىڭ تېررورلۇق كاتىگورىيەسىگە ئېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى قانۇن لايىھەسىگە قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. قانۇن لايىھەسىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا «زوراۋانلىق، بۇزغۇنچىلىق، تەھدىت ۋە ئىجتىمائىي پاراكەندىچىلىككە دائىر، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دۆلەت ئورگانلىرىغا ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەھدىت سالىدىغان ھەر قانداق سۆز، ھەرىكەت، ئوي – پىكىر تېررورلۇق» دەپ ئىزاھات ببېرىلگەن ئىدى.

بىراق، چارشەنبە كۈنى لايىھەدىكى «ئوي – پىكىر» دېگەن سۆز چىقىرىۋېتىلىپ، يۇقىرىقى«سۆز ۋە ھەرىكەتلەر تېررورلۇق» دەپ ئىزاھلانغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى 2014 – يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنۇلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قانۇن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنىي ئىزغا سېلىپ، ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى ئىنتايىن ئىلاستىك. ئۇنىڭ بۇ قانۇننى قوللىنىپ، تىنچ ئۇيغۇر ئۆكتىچىلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى باستۇرۇش ئېھتىمالى زور. ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى پەيشەنبە كۈنى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىيگە خەت يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل قانۇنلارغا قارشى قانداق قىلىدىغانلىقىنى سورىغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-terorluq-02252015214151.html

Share
1484 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.