logo

trugen jacn

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ خىتاينىڭ تۈرمە قانۇنى قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىدى

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىككى يىغىنى بېيجىڭدا داۋام قىلماقتا. تەڭرىتاغ تورى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىدا ئۇيغۇر رايونىدىن بارغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ جەمئىي 3 تەكلىپ ۋە 61 پىكىر بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردىن قارىغاندا، قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا سۇنۇلغان 61 پىكىر ئاساسلىق يۇقۇم ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئالتە مۇقىملىق» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان 3 تەكلىپ لايىھىسى بولسا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كېسىم قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى» غا تېزدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاش قانۇنى» نى تۈزۈش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 3 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغان. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنى مىليونلىغان ئادەمنى ھېچقانداق قانۇنى ئاساس بولمىغان ئاساستا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، لاگېرغا تۇتۇلغان كىشىلەرنى يوق باھانىلەر بىلەن ئاز دېگەندە 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.

مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ئاتالمىش «ئىككى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى» نىڭ كېسىم قانۇنى ۋە تۈرمە قانۇنلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردا ئۆزگەرتىش ئەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قانۇنىي ئاساس يارىتىش ئۇرۇنۇشى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-wekil-05262020173314.html

Share
1954 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.