logo

trugen jacn

خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ياش رەھبەرلىرى يىغىنى توكيودا ئۆتكۈزۈلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى «پۇقرالار كۈچى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 14‏-نويابىر كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودا خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ياش رەھبەرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.

توكيودىكى ياپونىيە دۆلەتلىك ئولىمپىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەركىزىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپا، ئامېرىكا، تەيۋەن، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆكتىچى تەشكىلاتلار، دىنىي گۇرۇھلار قاتناشقان.

ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن بىلەن ياۋروپادىكى ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەر جان قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىندا كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان شەخس ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونلاد ترامپنىڭ سابىق باش ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى ستېف بەننون بولدى. ئۇ يىغىندا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، پرېزدېبنت ترامپنىڭ ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان ئامېرىكانى 1‏-ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنىڭ مەقسىتى خىتايغا تاقابىل تۇرۇشكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ھازىرقى ھالغا كېلىشىگە بۇرۇنقى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «خاتا» سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ستىف بەننون مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا قوشما شاتاتلىرى ئۆتكەن 20-30 يىلدا خىتايغا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ ئامېرىكا سەرخىللىرى خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قانداق پوزىتسىيە تۇتتى، قېنى، بىز بۇ مەسىلىلەرنى سۆزلىشىپ باقايلى. پرېزىدېنت نىكسون 1970‏-يىللارنىڭ باشلىرى ئامېرىكانى جۈملىدىن غەربنىڭ ئىشىكىنى خىتايغا ئاچقاندىن بېرى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سەرخىللاردا ئىنتايىن خاتا بىر چۈشەنچە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. ئۇلار خىتاي گۈللەنسە، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلسا، بۇ دېموكراتىيىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. خىتاي باي بولغانسېرى، لىبىرال دېموكراتىيە ۋە ئەركىن بازار ئىگىلىكىگە قاراپ ماڭىدۇ، دەپ قارىدى. بىراق بىز ئۆتكەن 10 يىلدا بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆردۇق.»

ستېف بەننوننىڭ قارىشىچە، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ پىلانى 2025‏-يىلى دۇنيادىكى 1‏-چوڭ ئىقتىسادى دۆلەتكە ئايلىنىپ، ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىللەش، 2035‏-يىلى دۇنيادىكى ھۆكۈمران دۆلەتكە ئايلىنىشكەن. ئۇ، «ھازىر ئامېرىكا سەرخىللىرى نېمە ئۈچۈن بۇ خاتالىققا يول قويدى، دېگەن سوئالنى سوراشنىڭ ۋاقتى كەلدى،» دەيدۇ.

ستېف بەننون يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ كىچىك خاتالىق ئەمەس، پرېزىدېنت ترامپ بۇنى كىچىك ئىستىراتىگىيەلىك خاتالىق ئەمەس، بەلكى ناھايىتى زور تۈپ ئىستىراتىگىيەلىك خاتالىق، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ياۋروپا ۋە پۈتكۈل ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى خىتاي ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ھېچقاچان خەلقئارا قائىدە‏-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىش دەيدىغان دەردى بولۇپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ ئۆز پىلانى بار ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى دادىللىق بىلەن يولغا قويدى. شۇ سوئالنى سوراش كېرەك، بىزنىڭ ۋە پۈتۈن غەربنىڭ سەرخىللىرى شۇنچىلىك ھاماقەتمىدى؟ بۇ سەرخىللەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ تۇردى. كىشىلەر بۇ ئۆزگىرىشلەرگە يا كۆز يۇمدى يا كۆرمەسكە سالدى. بۇنىڭ جاۋابىنى سوراش ۋاقتى كەلدى،» دېدى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر، دىنىي گۇرۇھلار رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئارا دىئالوگى» نامىدىكى بۇ يىغىن ئۇنىڭ 12‏-قېتىم ئۆتكۈزۈلىشىدۇر. بۇ يىغىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى بىلەن تەيۋەن دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياردىمى ۋە «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم كۈنتەرتىپى «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ «پۇقرالار كۈچى مۇكاپاتى» نى تارقىتىش بولدى. مەزكۇر مۇكاپات بۇ يىل سابىق ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ماكىنو سېئىشۇ ئەپەندى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئاتاقلىق قۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى، تۈرمىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى لى خېپىڭنىڭ ئايالى ۋاڭ شياۋلىڭ قاتارلىق ئۈچەيلەنگە لايىق كۆرۆلگەن.

يىغىندا مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن ئەنۋەر جان تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ، يىغىندا سۆزلىگەن سۆزىدە، «بۇ مۇكاپات ئىلھام توختىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ بېشارىتى،» دەپ كۆرسەتتى.

ئەنۋەرجان مۇنداق دېدى: «بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن بۇ قىممەتلىك مۇكاپاتنى تاپشۇرىۋالغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. ئۇنىڭ ئۆزى خىتاي تۈرمىسىدە، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بولسا بۇ مۇراسىمغا قاتنىشالمىدى. مېنىڭ بۇ مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋېلىشىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت، مىللىي ئىناقلىق ئاساسىدىكى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئالغا سۈرۈش يولىدا قىلغان خىىزمەتلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ بېشارىتى. مەن تاپشۇرۇۋالغان بۇ مۇكاپات يەنە بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز يولىدىكى ياردەم ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئىپادىسى،» دېدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى يىغىندا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەجبۇرلاش، ئىتتىپاقلىقىنى مەمۇرىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئۇ ئىلھام توختىنى ھىندىستان رەھبىرى گەندى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا رەھبىرى ماندىلا بىلەن سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز ھەممىمىز شۇ پاكىتقا گۇۋاھچى بولدۇق. ئىلھام توختى نەق بۇ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلدى. ئىلھام توختى توغرا ئېيتقان، مەيلى ئۇيغۇرلار بولسۇن ۋە ياكى خىتايلار بولسۇن، ھەر ئىككى مىللەت كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇشىنىڭ مەھسۇلى. ھالبۇكى، مەن مىللەتلەر ئىناقلىقى، دېگەن ئۇقۇمنى خاتا چۈشىنىشكە قارشى. باشقا مىللەتلەرنى مەمۇرىي ۋاستىلارنى قوللىنىپ، بىر يەردە تۇتۇپ تۇرۇش، بۇنىڭغا كۈچ ئىشلىتىش بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆز ئارا بىر بىرىنى قوبۇل قىلىش، كۆپ خىللىقنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا خىلاپ ھالدا ئۆز ئارا نەپرەت ۋە نارازىلىقنىڭ ئۇرۇقىنى چاچماقتا.»

يىغىندا «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يىغىننىڭ باش رىياسەتچىسى دوكتور خەن ليانچاۋ، ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن «پۇقرلار كۈچى مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «ئۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلا ر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق، دىئالوگ ۋە ئۆز ئارا چۈشۈنىشنى ئالغا سۈرۈشكە تىرىشىپ كەلگەن،» دەيدۇ.

خەن ليانچاۋ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز ئىلھام توختىغا 2017‏-يىللىق پۇقراللار كۈچى مۇكاپاتىنى شەرەپ بىلەن لايىق كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق، دىئالوگ ۋە ئۆز ئارا چۈشۈنىشنى ئالغا سۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا قانۇنى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان مەدەنىيەت، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى تەڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىمىز… گەرچە ئۇ خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى چىقمىغان، پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتاي قانۇنىدىكى ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىدى،» دېدى.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 4 كۈنلۈك يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 19‏-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى يېڭى خىرىس ۋە پۇرسەتلەر، ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، خىتاينىڭ تەسىرى ۋە ئۇنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى دېموكراتتىك ئەللەرگە سىڭىپ كىرىشى، تەسىرى ۋە بۇنىڭ تەھدىتى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مىخانىمىزىمى ۋە ئامېرىكانىڭ ماگنىتىستىكىي يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى نەنسى پەلۇسى، كرىستوفىر سىمىس، رەندى خۇلگرېن، جېيمى راسكېن، كېڭەش پالاتا ئەزاسى مايكېل رۇبىيو، تېد كرۇز قاتارلىق سىياسەتچىلەر، د ئۇ ق نىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، تىبەت روھانىي رەھبىرى دالاي لاما قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى ئەۋەتكەن. 14‏-نويابىر باشلانغان مەزكۇر يىغىن جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tokyo-yighin-11162017141352.html

Share
1742 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.