logo

trugen jacn

خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى

 

imageخىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلى؛ ك تۈركىيەنىڭ تايلاندتىكى 300 گە يېقىن ئۇيغۇر مۇساپىرغا پاناھلىق بېرىش تەكلىپىگە ھۇجۇم قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشوغلى چارشەنبە كۈنى قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدە، تايلاند دائىرىلىرىگە رەسمىي قاناللار ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىش ئىستىگىنى يەتكۈزگەنلىكى، بىراق تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چىشىغا تەگدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا قول تىقىشنى توختىتىشقا چاقىرىمىز. سۆز ۋە ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇپ، خاتا سىگنال بېرىپ قويماسلىققا ۋە ھەتتا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھەرىكىتىنى قوللىماسلىققا ئۈندەيمىز، دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل 3‏-ئايدا تايلاند دائىرىلىرىگە تۇتۇلۇپ قېلىپ، مۇساپىرلار لاگېرغا سولاپ قۇيۇلغان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي بېسىمىدىن قېچىپ چىققان.

بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى«قانۇنسىز كۆچمەنلەر» دەپ، ئۇلارنىڭ «جۇڭگولۇق» ئىكەنلىكى رەسمىيلەشسە قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، تەن جازاسىغا كەمسىتىشكە ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنىش خەۋپى مەۋجۇت ئىكەن.

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-masapir-11282014152459.html

Share
1458 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.