logo

trugen jacn

خىتاي تارىم ئويمانلىقىدىكى يەر ئاستى دېڭىزدىن نېمىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىن؟

TARIM-HAVZASI-800x416

گۈلچېھرە

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرى، بىر قىسىم خىتاي گېئولوگلارنىڭ تارىم ئويمانلىقىدا ئون يىللىق ئۈزلۈكسىز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىپايان قۇملۇق ئاستىدا تۇزلۇق سۇ دېڭىزى بايقىغانلىقىنى بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى سۈپىتىدە خەۋەر قىلدى.

تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئاستىدىن تېپىلغان بۇ تۇزلۇق سۇ زاپىسى شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ 10 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. 200 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يەر ئاستى دېڭىزىنىڭ ھەجمى بولسا كاسپى دېڭىزىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر قانداق بىر بايلىق زاپىسىنىڭ بايقىلىشى، زور كۈچ بىلەن ئېچىش، نوپۇس يۆتكەش ۋە ھېسابسىز بۇزغۇنچىلىقلار بىلەن نەتىجىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇ غايەت زور يەر ئاستى دېڭىزىنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇرلارنى خوش قىلمىدى، ئەكسىچە ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ ھەقتە يېزا ئىگىلىك پەنلىرى دوكتورى، سۇ ئىنشائاتى ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ياپونىيەدىكى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى، خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى يەر ئاستى دېڭىزىدىن نېمىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە بايان قىلدى.

خىتاينىڭ ئېلان قىلىشىچە، گەرچە تارىم ۋادىسى يەر شارىدىكى ئەڭ قۇرغاق رايونلاردىن بىرى بولسىمۇ، لېكىن يەر ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ مىقدارى ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلدىن بايقالغان مىقدارىدىن 10 ھەسسە كۆپ ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ كۆلنىڭ سۇ زاپىسى دۇنيادىكى تاتلىق سۇ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ بەشتىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا تارىم ئويمانلىقى ئاستىدىكى تۇزلۇق سۇ دۇنيادىكى تاتلىق سۇ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.

بۇ قەدەر زور زاپاس سۇ مەنبەسىنىڭ بايقىلىشى جۇغراپىيە، گېئولوگىيە ۋە ئېكولوگىيە ساھەلىرىدەك ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن بىر زور بايقاش ھېسابلانسىمۇ، ياپونىيەدىكى مۇتەخەسسىس تۇرمەمەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىم ئويمانلىقىدا خىتاينىڭ يەنە بىر زور بايلىق بۇلاڭچىلىقىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، بۇ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ يەر ئېچىش ۋە بايلىق ئېچىشقا تېخىمۇ زور تۈركۈمدە كۆچمەن يۆتكەيدىغانلىقى ھەمدە بۇ رايوندا يەنىمۇ ئېغىر ئېكولوگىيىلىك بۇزغۇنچىلىقنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت.

ئىگىلىنىشىچە، سانائەتتىن قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىدىنىڭ 40% ئى ئاتموسفېرادا ساقلىنىدىكەن، 30% ئى دېڭىزغا كىرىپ كېتىدىكەن، قالغان 30% ئىنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقى ئىلىم دۇنياسىدا سىر بولۇپ كەلگەن بولۇپ، يەر ئاستىدا بايقالغان تۇزلۇق سۇلۇق ئوكيان ئاشۇ يوقاپ كەتكەن كاربونلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. دېھقانچىلىق پەنلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور تۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئاستىدىكى زاپاس سۇنىڭ ھەجمى ئىنتايىن كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇرەككەپ تەركىپلىك ئىشقارلىق سۇ، بۇ شەرت خىتاينىڭ ئۇنى تاتلىق سۇ ئورنىدا كەڭ كۆلەملىك ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتىشتىن چەكلەيدۇ، ئەمما تارىم ئويمانلىقىدىكى يەر ئاستى سۇ مەنبەسى ئىلگىرىمۇ خىتاي تەرىپىدىن بۇ رايوندا بوز يەر ئېچىشقا ۋە نېفىت بۇرغىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. چۈنكى ھازىرقى تېخنىكىدا بىر توننا نېفىت بۇرغىلاپ چىقىرىش ئۈچۈن يەر ئاستىغا 3 توننا سۇنى يۇقىرى بېسىمدا ئۇرۇپ نېفىت چىقىرىلىدىغان بولغاچقا، ئەسلىدىنلا قىس بولۇۋاتقان تارىم ئويمانلىقىدا بۇ قەدەر زور سۇ مەنبەسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خام نېفىت زاپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن كېرەك.

تۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە يەنە، گەرچە «تەكلىماكان ئاستىدا دېڭىز بار» دېگەن رىۋايەتلەردىن قارىغاندا بۇ بىر يېڭى بايقاش بولمىسىمۇ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ تۇزلۇق سۇ مەنبەسىنىڭ ھەجمىنىمۇ رەسمىي ئاشكارىلىشىدىن، خىتاينىڭ بۇ ماكانغا تېخىمۇ زور خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەش پىلانى بارلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي بۇ تۇزلۇق سۇ مەنبەسىنى ئېچىپ ئۇنى نېفىت قېزىش قاتارلىق سانائەتكە كەڭ ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە، بۇ تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇ بىلەن مەلۇم مىقداردا تەڭشەپ، كۆچمەن خىتاي نوپۇسىنى بېقىشقا ئېھتىياجلىق يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىشى مۇمكىن.

ئەمما، خىتاينىڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ يەر ئاستى چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى بۇ غايەت زور تۇزلۇق سۇ مەنبەسىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى، رايونغا، ھەتتا پۈتۈن يەر شارىغا زور تەھدىتلىك ئېكولوگىيىلىك ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى ئېنىق

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/tarim-bayliq-08052015135353.html

Share
2324 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.