logo

trugen jacn

خىتاي ئاقتۇ ناھىيىسىگە 600 نەپەر ياللانما ساقچى قوبۇل قىلماقچى

 

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنلاڭ تورىنىڭ 5-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە جەمئىيەت كاپالەت ئىدارىسى جەمئىيەتتىن «مللىي بولگۇنچىلەرگە قارشى تۇرۇش»نامىدا 600نەپەر ياللانما ساقچى قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان.

ئۇقتۇرۇشتا ئۇلارغا بېرىدىغان ئايلىق مۇئاشىنىڭ 6000دىن 8000غىچە ئىكەنلىكى ھەمدە بەشتە كاپالەتكە ئىگە قىلىندىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بۇ ئېلاننى ئاقتۇ بارىن ۋەقەسىنىڭ 27يىللقىغا ئۇدۇل كەلتۇرۇپ ئېلان قىلغانلىقى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

بۇندىن 27يىل ئىلگىلىرى ئاقتۇنىڭ بارىن يېزىسىدا زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلقىدا قوراللىق ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لەنجۇدىن 10000دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكىرىنى يۆتكەپ كەلگەن. ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قوراللانغان 300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پىدائىيلىرى، مۇنتىزىم قوراللىق خىتاي تاجاۋۇزچى ئەسكەرلىرى بىلەن 7كۈن جەڭ قىلغان

ئۇيغۇر نىداسى تور رادىئوسى خەۋىرى

Share
1241 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.