logo

trugen jacn

خىتاي تاجاۋزچىلىرى ئۇيغۇرلارغا قانداق پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟

 

ئارتۇچ بۇغرا

خىتاي تاجاۋۇزچلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان تاجاۋۇزچىلىقىنى ئىزچىل داۋام قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلىدە زۈلۈم قىلىش، خەلقىمىزنى يىلتىزدىن يوق قىلىش ئۈچۈن ھىلە-نەيرەڭلىك سىياسىي ھەركەت، ئويۇنلارنى قەدەمۇ-قەدەم بېسىپ كەلمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇپكى سىياسىتىنى تەھلىل قىلىپ باقىدىغان بولساق «ئاستى خاراكتىرلىق سىياسەت» يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى سىياسەت ئورنىكىنى ئاساسلىق روسىيەدىن ئورنەك قىلىپ ماڭدى. كېيىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزنىڭ مىللەت ئەنئەنىسى ئاستىدا دورامچىلىق قىلىش، ئۆزىگە تەدبىقلاشنى ئاساس قىلغان سىياسەتنى ئېلىپ چىقتى.
روسىيەنىڭ سىياسەت ئەندىزىسى بولسا كەسكىن، ئىتتىك بىر تەرەپ قىلىش، قاتتىق قول بۇلۇشنى ئاساس قىلغان بولسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، ئاستا خاراكتىرلىق، يۇمشاق،ئالداش تۈسىنى ئالغان سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، پۇقرالىرىنىڭ بىخۇت ھالىتىدە زەربە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى تەشۋىقات سالمىقىنى كۇچەيتكەن ئاساستا، ئىسلام دىننى بۇرمىلىغان شەكىلىدە «ئەسەبىي»،«ئاشقۇن» دىگەن ئىسملار بىلەن بارلىق مۇسۇلمان خەلقىنى بۇ كاتوگىرىيە ئىچىگە ئېلىپ كېرىپ، «ياغلىق چەگدىڭ، ساقال قويدۇڭ نامازنى قانۇنسىز ئوقۇدۇڭ» دىگەن باھانەلەر بىلەن تۈرمىلەرگە، ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، بىرنى جازالاش بىلەن بىرگە مۇجاھىتلارنىڭ ئەۋلاتىلىرى، ئۇرۇق -تۇققانلىرىنى چېتىپ جازالاپ نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ كىشىنى قۇشۇپ جازالاپ ئارقىلىق قارشىلىق قىلدىغانلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ روھى جەھەتتىن زەربە بېرىپ ، پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش قىلماقتا.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شۇنچىلىك قورال –ياراق، ھەربىي كۈچى تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى بىراقلام يوق قىلالمامدۇ؟
خىتاينىڭ ئۇنچىلىك كۈچى بولسىمۇ يوق قىلىشقا جاسارىتى يوق.
چۈنكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تېشى بىر خىل، ئىچى بىر خىل .ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار خەلقئاراغا ناھايىتى موللا مۇشۇك قىياپىتى بىلەن ئۆزىنى مەدەنىي بىر مىللەت سۇپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلا ۋاقىتتا كەڭ-كۆلەملىك قىرغىن قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.
ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى سىنىپلارغا بولۇپ يوقىتىش تاكتىسكىسىنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇلارنى دۇشمەن قىلىۋالسا ئۇيغۇرلارنىڭ تېزلا ئىتتىپاقلىشىپ ئۇلارغا قارشى ھەركەت قوللىنىپ مەغلۇپ بولىشىدىن قورقىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن سىنىپلارنىڭ ئەڭ ئالدى، ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ئىسلام ئالىملارنى، ئولىمالارنى، دەۋتچىلەرنى، تالىپلارنى يوقىتىدۇ.ئاندىن مىللەت سۆيەر كارخانچى، ئىلىم-سۆيەر زىيالىلارنى، ئاكتىپ پائالىيەتچان كىشلەرنى يوق قىلىدۇ.
ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان جاسۇس، سېتىلما خائىنلارنى تازلىق قەغىزچىلىكمۇ ئىتىبارغا ئالماي، كېرىكى قالمىغاندا ئېتىپ تاشلايدۇ.
بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ، ئالدى بىلەن يالغان تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېيى پائالىيىتى دىگەندەك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ساختا مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى كەشىپ قىلىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 33يىلدىن بۇيان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، گەرچە چوڭ ئۇتۇق قازانمىسىمۇ بۇمۇ پىسخولوگيىلىك ئۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى بولغاچقا قۇربان تۇلۇمدەك كىشلەرنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق تاشقى جەھەتتىن ئىتتىپاق جەمئىيەت شەكىلىنى كورستىشكە ئۇرۇنىدۇ.
بەزى بىر قىسىم ئۇيغۇر كادىرلارنى تەربىيلەپ كۆتىرىپ ياخشى خىزمەت بەرگەن بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مىڭلىغان، مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئىشسىز، تەربىيسىز قويۇپ نادان قالدۇرۇپ بېقىندى بولۇپ ياشاش ھالىتىگە ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بالا ئوغۇرلىنىش، ئاق تاماكا، ئەيدىز، ئەخلاقسزلىق ، ئىسراپچىلىق قىلمشىنى كەڭ تۈردە يول ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر جەمئىيىتنىڭ خاتىرجەم،بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىپ ئەندشىلىك ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈچنىڭ مەركەزلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەن توۋەندە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان پىسخولوگىيلىك ئۇرۇشنىڭ بىر قىسىمى بولغان ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىرلىرىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇشى ھەققىدە توختىلىمەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ۋاستلىرىدىن بولغان فىسبوك، تېۋىتىرنى كەڭ تۇردە ئوموملاشتۇرشى بىلەن بۇ ئىجتىمائى ئالاقىلەردە پىسخولوگىيلىك ئۇرۇشنى داۋام قىلىشقا باشلىدى.
2013-يىلدىن 2015-يىلغىچە يوشۇرۇن شەكىلىدە مۇجاھىت قىياپىتى ۋە ياكى خوتۇن –قىزلار سىياقىدا ئۇچۇر ئىگەللەشكە تىرىشىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى توپلاشقا كىرشكەن بولدى. پاش بولغاندىن كېيىن باشقا ناملار بىلەن ئۇچۇر ئىگەللەپ تۇرماقتا.
شەرقىي تۈركىستاندا بىز ئىگەللىگەن ئۇچۇرلاردا 300مىڭغا يىقىن تور ساقچلىرى نامىدا ئۇچۇر توپلايدىغان خىتاي ساقچلىرىنىڭ بارلىقى مەلۈم.
2016-يىلدىن باشلاپ رەسمى شەكىلىدە ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە كىرىشىش بىلەن تەڭ تەھدىت سېلىش، ئۆز –ئارا ئۇرۇش سېلىش تاكتىكىللىرىنى ئىشقا سالدى.
بۇنىڭ مىسالى سۇپىتىدە تەڭرىتاغ ئىشچىسى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر ۋەتىنى، تەڭرىتاغ ئىشچلار ھەركىتى، ئىسلام قىزى ئۇيغۇر قىزى قاتارلىق ئىسملار بىلەن ئۆزىنى نىقاپلىغان خىتاي جاسۇسلىرى ھەركەتكە ئۆتۈپ ، ئۇيغۇرلار قايسى تېما ، قايسى ئىش ھەقىقىدە مۇنازىرە بولسا شۇنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل شەكىلىدە يالغان ياۋىداق سۆزلەرنى تارقىتىپ خەۋەرسىز ئۇيغۇرلارنى ئازدۇرۇشقا، ئۇلارنى دىلغۇل قىلىشقا ۋەھىمە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.
بۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسمۇ ئاشكارا بولۇپ كەتسە يەنە نىمە ئۈچۈن، بۇ قىلمىشىنى داۋام قىلىدۇ؟
ئۇلار بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار ئارىسدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ ، ئۆز-ئارا ئۇرۇش جىدەلگە سېلىپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپنى ھاسىل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
قورقۇنچ ، تەھدىت قىلىشنى شەخسكە ۋە ۋەتەندە ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سېلىش ئارقىلىق خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشىلىق كۆرسىىش ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلاغا زىيانكەشلىك قىلىش ۋە تۇتۇپ ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۇچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى سۇندۇرۇش قاتارلىق پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشنى داۋام قىلماقتا.
ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ئۇيۇنلىرى، پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇش تاكتىلىكىرىنى توغرا تونۇپ ،مۇداپىيەنى كۇچەيتىپ، ئىمانى كۇچلەندۇردىغان يولىنى تېپىپ، ئۆزىمىنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىپ، ئاللاھنىڭ دىنىغا مەھكەم ئېسىلغان ، بىز ئۇخلىساقمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇخلىماي بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھۇشيار ھالەتتە بىرلىكتە تاقابىل تۇردىغان، كۆز قاراش ئوخشىماسلىق سەۋەپلىك بىر-بىرسىمىزنى ھاقارەتلەپ تىللايغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، توردىكى خىتاي جاسۇلىرىغا قارىتا كورگەن ھامان پاش قىلىش، فىسبوكتىن يوق قىلىشقا ھەركەت قىلساق بىر دۇشمەنمۇ بىز ئۈچۈن ئاز دۇشمەن ئەمەس، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھۇجۇمنى بىز ھۇشيار تۇرغاندا ئەمەس، بەلكى بىخۇت تۇرغان ۋاقتىمىزدا باشلايدۇ.

ئىتتىپاقلاشقان جامائەتنى، مىللەتنى، خەلقىنى ھىچقانداق دۇشمەن مەغلۇپ قىلالمايدۇ.

Share
1512 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.