ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
رۇسىيە گازپروم شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نچپچ جۈمە كۈنى ئالتاينى كېسىپ ئۆتىدىغان غەربىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. بۇ كېلىشىم جۈمە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادمىر پۇتىن كرېمىلدا ئىمزالىغان 25 مىليارد دوللارلىق 32 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى.
غەربىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىزچىل قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. مۇھىت قوغدىغۇچىلار، بۇ يول ئالتاي مەنزىرىلىك رايونى-قاناس كۆلىدىن يېنىدىن ئۆتكەچكە ئۇ مەزكۇر مەنزىرىلىك رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، دەپ قارشى تۇرغان ئىدى.
گازپرومنىڭ باشلىقى ئالېكسىي مىللېر رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى – قانال 24 كە قىلغان سۆزىدە، قاناس ئۆتكىلى رۇسىيەنىڭ خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ، دېگەن.
ئالتاي تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ دەسلەپكى يىللىق گاز توشۇش ئىقتىدارى 30 مىليارد كۈپ مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. لېكىن رۇسىيە ئاخباراتى، بەلكىم، ئۇنىڭ توشۇش ئىقتىدارى كېيىنرەك كۆپەيتىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيە ئاخباراتى-ت ئا س س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئالتاي تۇرۇبا يولى ياكى غەربىي لىنىيە تۇرۇبا يولى رۇسىيەنىڭ ياۋروپا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىغا رىقابەتچىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جۈمە كۈنى باشلاندى. ئۇ 9-ماي كرېمىل مەيدانىدا 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/gherbiy-liniye-05082015170951.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.