logo

trugen jacn

خىتاي بىلەن تۈركىيە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزدى

 

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىمۇ «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزۈلگەن، بىراق تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالغان ئىدى.

 

خىتاي بىلەن تۈركىيە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزدى

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان خەلق سارىيىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن ئالاھىدە مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئەردوغان بىلەن شىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەيئەتلەرئارا مۇزاكىرە باشلاندى. مۇزاكىرە تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشتى.

ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئەردوغان بىلەن شى بەزى كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى. 

ھەيئەتلەرئارا مۇزاكىرىدە «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئار قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى»، «خەلقئارالىق قۇرۇغلۇق يوللاردا تىرانسپورت كېلىشىمى» ۋە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۆزئارا كۈلتۈر مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى كېلىشىمى» قاتارلىقلارغا ئىمزا قويۇلدى.

ئىمزالىشىش مۇراسىمىغا ئادلىيە مىنىستىرى بەكىر بوزتاغ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاتناش دېڭىزچىلىق ۋە ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەت ئارسلانمۇ قاتناشتى. 

بەزى ئانالىزچىلار تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرىمۇ «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» تۈزۈلگەنلىكىنى بىراق تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مۇتەخەسسىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل كېلىشىملەر ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن پارلامېنتنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىكەن. پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىكەن.  

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.