logo

trugen jacn

خىتاي ئەنقەرەدە ئويۇشتۇرغان نورۇزدا 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا 1000 دوللاردىن پۇل تارقاتقان

aa4d9ce0-6f60-4305-90c4-71a84f1777d2

ئەركىن تارىم

2015-u0320-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئەنقەرە شېرىتون مېھمانخانىسىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان 40 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا مىڭ دوللاردىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقاتقان. بۇلاردىن باشقا يەنە ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى 7 ئوقۇغۇچىغا پۇل تارقاتقان. خىتاي ئەلچىخانىسى، ئەنقەرەدە ئويۇشتۇرغان بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىن مەخسۇس ئاپتوبۇس ئىجارىگە ئېلىپ، ياتاق ۋە تاماق پۇللىرىنى بېرىپ ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ قاتناشتۇرغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بۇنداق بىر كۈندە ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ پۇل تارقىتىشى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان كىشىلەردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، خىتاي ئەلچىخانىسى ئەنقەرە شېرىتوندا نورۇز پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان كاتتا مېھمانخانىنىڭ كورىدورىغا خىتاي دۆلىتىنىڭ خىتايدىكى ئىسلام دىنى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىتاب ۋە تەشۋىقات رەسىملىرى قويۇلغان بولۇپ، رەسىمدە قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندىكى مەسچىت رەسىملىرى، مەسچىتتە ناماز قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىملىرى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر تىزىلغان. بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇل، ئەنقەرە، كونيا، ئەسكىشەھىر، ساكاريا قاتارلىق جايلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە خىتاي شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلاردىن سىرت، ئاز ساندا تۈرك ۋە قازاقلارمۇ قاتناشقان.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى يۈ خۇڭياڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن بىر – بىرلەپ ھال سوراپ، بالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىنى سۆيۈپ قويغان. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ پائالىيەتنى ئويۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىگە يەتكەنلىكىنى، چۈنكى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۇر تەشۋىقاتىنى يەنە بىر قېتىم ئەنقەرەدە ئىجرا قىلغانلىقىنى ئېيىتتى. خىتاي ئەلچىسى بۇ يىغىندا قىلغان نۇتقىدا تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھازىرغىچە 400 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ياردەم پۇلى تارقاتقانلىقىنى ئېيتقان.

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.